UyghurWiki›نەمە›بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان[JZ] <ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ئامىلى> نىسبىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئېھتىياجلىق بولغان[JZ] <ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ئامىلى> نىسبىتىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
بوۋاقلىق مەزگىلىگە قارىغاندا، بالىلىق مەزگىلىدىكى بالىلارنىڭ يېتىلىش سۈرئىتى تېزلىشىشقا باشلايدۇ. شۇڭا، ئۈچ چوڭ ئوزۇقلۇق ئامىلىغا بولغان ئېھتىياجمۇ بوۋاقلىق ۋاقتىغا ئوخشاش بولمايدۇ، مۇۋاپىق بولغان تەڭشەش نىسبىتى تۆۋەندىكىچە:
1. كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى بولسا ئومۇمىي ئېنېرگىيىنىڭ 65%~55% ىنى ئىگىلىشى كېرەك (بوۋاقلارنىڭ 60%~50% بولىدۇ).
2. ماي ئومۇمىي ئېنېرگىيىنىڭ 30%~25% ىنى ئىگىلىشى كېرەك (بوۋاقلارنىڭ 35%~30% بولىدۇ).
3. ئاقسىل بولسا ئومۇمىي ئېنېرگىيىنىڭ 14%~12% ىنى ئىگىلىشى كېرەك (بوۋاقلارنىڭ 15%~12% بولىدۇ). پەقەت كاربون - سۇ بىرىكمىلىرى ۋە مايلار تەمىنلىگەن ئېنېرگىيىلا ئورگانىزم ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، شۇنداقلا مۇشۇ شەرت ئاستىدا ئاقسىلنىڭ ئىسسىقلىققا ئايلىنىپ خوراپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە باشقا سىستېمىلارنىڭ يېتىلىشى ھەم ئەسلىگە كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلالايدۇ. شۇڭا، چوقۇم بالىلارغا ئوزۇقلۇقنى مۇۋاپىق نىسبەتتە تەڭشەپ بېرىش كېرەك