UyghurWiki
UyghurWikiنەمەشىر يولۋاستىن قورقامدۇ ياكى يولۋاس شىردىن قورقامدۇ؟

شىر يولۋاستىن قورقامدۇ ياكى يولۋاس شىردىن قورقامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كىشىلەر شىرنى <ئافرىقا زومىگىرى>، يولۋاسنى <ھايۋانلار پادىشاھى> دەپ ئاتىشىدۇ. بۇ ئىككى ئادەتتىن تاشقىرى يىرتقۇچ ھايۋاندىن قايسىسى يامانراق؟ تەبىئىي شارائىتتا، بۇ ئىككىسىنىڭ سوقۇشۇش پۇرسىتى بولمايدۇ، چۈنكى يولۋاس ئاسىيادا ياشايدۇ، شىر بولسا ئافرىقىدا زومىگەرلىك قىلىدۇ، شۇنداق بولسىمۇ، ئالىملار ئۇلارنىڭ بەدەن شارائىتىغا ئاساسەن مۇنداق قىياس قىلغان: ئەگەر شىر بىلەن يولۋاس بىرگە بىر ئېلىشسا، يولۋاس يامانراق كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى يولۋاس سەزگۈرلۈك، چىداملىق ۋە ئېغىرلىق جەھەتتە شىردىن ئۈستۈن تۇرۇشى مۇمكىن. بولۇپمۇ شەرقىي شىمال يولۋىسىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى 180 كىلوگرام كېلىدۇ، شىرنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 100 كىلوگرام كېلىدۇ. كوللېكتىپ ئېلىشىش جەھەتتىن قارىغاندا، شىر يولۋاستىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، چۈنكى شىر كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىشنى ياخشى كۆرىدۇ، يولۋاس بولسا ئۆز ئالدىغا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەگەر ئىككى تەرەپ توقۇنۇشۇپ قالسا، بىر توپ شىر چوقۇم يولۋاسنى يېڭىۋالىدۇ. ھازىر، شىر بىلەن يولۋاسنىڭ ئېلىشىشنى كۆرۈش ئىمكانىيىتى بولمىسىمۇ، لېكىن، قەدىمكى رىم دەۋرىدە كىشىلەر شىر بىلەن يولۋاسنى بىر - بىرى بىلەن ئېلىشىشقا سالغان، نەتىجىدە ھەر قېتىمدا يولۋاس شىرنى يېڭىۋالغان.
← بارلىق تېمىلار نەمە