UyghurWiki›نەمە›سىز تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنىڭ سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈشكە بولغان مۇھىملىقىنى بىلەمسىز؟
سىز تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنىڭ سۈپەتلىك پەرزەنت كۆرۈشكە بولغان مۇھىملىقىنى بىلەمسىز؟
نېمە ئۈچۈن
تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرۈش ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى دەسلەپكى بەش ئاي ئىچىدىكى تەكشۈرتۈشنى كۆرسىتىدۇ، يەنى تېخنىكىلىق ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، ھامىلىنىڭ سالامەتلىكىگە قارىتا تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىپ، ئېغىر ئىرسىي كېسەللىك ۋە تۇغما كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغان ھامىلىنى بايقاپ، بويىدىن ئاجراش ۋە كېسەلچان بالىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتۇر. بۇ خروموزوما كېسەللىكى ۋە نېرۋا ئەزالىرىنىڭ كەمتۈكلۈكى قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن. ئومۇمەن تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىرسى بولغان ھامىلىدار ئاياللار تۇغۇتتىن بۇرۇنقى تەكشۈرتۈشنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ:
1. ھامىلىدىكى خروموزوما ئادەتتىن تاشقىرى بولغان بوشانغان ئاياللار.
2. گېنى غەلىتە بولغان ھامىلىگە ھامىلىدار بولغانلار قايتا ھامىلىدار بولسا، خەتەرلىك نىسبىتى 5%~10% كىچە بولغانلار.
3. 35 ياشتىن يۇقىرى ئاياللاردا خروموزوما ئادەتتىن تاشقىرى بولغان بالا تۇغۇش ئېھتىمالى بولغان يېشى چوڭلار، 35 ياش ۋاقتىدا 1/365]، 40 ياش ۋاقتىدا 1/109]، 45 ياش ۋاقتىدا 1/32 بولىدۇ.
4. ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش، ھامىلە ئۆلۈپ كېتىش تارىخى بولغانلار ياكى ئەر - ئاياللارنىڭ ھەرقاندىقىنىڭ بىرسىدە خروموزومانىڭ غەيرىيلىكىنى ئېلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا.
5. نۇر دەستىسى ياكى خىمىيىلىك بىرىكمىلەرگە ئۇچرىغانلار. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئۆت ياللۇغى، قۇلاق ئالدى بەز ياللۇغى، تارقىلىشچان زۇكام، يەلتاشما، ھۈجەيرىلەرنىڭ ۋىرۇسلىنىشى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بولغانلار، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە كۆپ مىقداردا ئانتىبىئوتىك ئىشلەتكەنلەر