UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ تىل سەۋىيىسىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟

بالىلارنىڭ تىل سەۋىيىسىنى قانداق ئۆستۈرۈش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن تىل بولسا ئىنسانلارنىڭ ئالاھىدە فىزىئولوگىيىلىك ھادىسىسى، بىراق ئادەملەر چوقۇم تىل ئۆگىنەلىشى ناتايىن. بالىلار بىر يېرىم ياشقا كىرگەندىن كېيىن بالىلارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ ئاستا - ئاستا پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بالىلارنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۆز قىلىشىمۇ بارغانسېرى يۇقىرىلاشقا باشلايدۇ، ئۇنىڭ چۈشىنىدىغان سۆزلىرىمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. ئادەتتە بالىلار 81 ئايلىقتىن 21 ئايلىققىچە بولغاندا 50 تىن كۆپرەك سۆزلەرنى ئېسىدە ساقلىيالايدۇ. ئىككى ياشقا كىرگەندە، 130 ئەتراپىدىكى سۆزلەرگە ئېسىدە ساقلىيالايدۇ. بەزىدە ئويۇن، ئالاقە جەريانىدا، سىز يەنە بالىڭىزنىڭ ئېغىزىدىن سىز ئۇنىڭغا ئۆگىتىپ باقمىغان سۆزنى ئاڭلايسىز. بۇ سۆزنى بەلكىم ئۇ سىزدىن دورىغان بولۇشى مۇمكىن ۋە ياكى باشقا جايدىن ئۆگىنىپ كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. بالىلارنىڭ تىل ئىقتىدارى بىر ئېغىز سۆزنى قىلىش، بارغانسېرى ئىككى ئېغىز سۆزنى قىلىش ھەتتا ئۈچ - تۆت ئېغىز سۆزنى قىلىش ئارقىلىق ئاستا - ئاستا يېتىلىدۇ. مەسىلەن: <مەن ئۇخلايمەن> <ئاپا مېنى قۇچاقلا، كۆتەر> دېگەندەك سۆزلەردىن بالىلار ئاستا - ئاستا چوڭلارنىڭ سۆزلەش ئادىتىدىن تىلنىڭ گىرامماتىكىلىق قۇرۇلمىسىنى ئىگىلەيدۇ. ئاستا - ئاستا بىر قىسىم جۈملە شەكىللىرىنى ئۆگىنىدۇ. بىراق بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ سۆزلىگەن سۆزى بۇرۇنقىدەكلا بولۇپ، بىر قىسىم ئاددىي، قىسقا سۆزلەرنى قىلالايدۇ. كەينى - كەينىدە ئۆگىنىپ كەلگەن سۆزلەرنى قىلالمايدۇ. چوڭلار بالىلارنىڭ قول ئىشارىتى ۋە ئىپادىسى ئارقىلىق كونكرېت مەنىسىنى چۈشىنىدۇ. سۆز قانچە كۆپ بولۇپلا قالماي، سۆزنىڭ قۇرمۇ بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. ئىلگىرى ئادەتتە دائىم ئۇچرايدىغان ئىملارنى پېئىلارنى پېئىللارنى سۆزلىگەن بولسا ھازىر سۈپەت، رەۋىش دېگەندەكلەر بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. مەسىلەن: <چوڭ> <ياق> دېگەندەك سۆزلەر، ئۇنىڭدىن باشقا تەلەپپۇز جەھەتتە بالىلارمۇ ئاستا - ئاستا توغرا تەلەپپۇز قىلىدۇ ھەم شۇنداقلا بۇ ۋاقىتتا چوڭلارنىڭ تەلەپپۇزىنى دوراشقا ئامراق كېلىدۇ. مەسىلەن: قاپىيداش بالىلار ناخشىسىنى ئۇنىڭغا بىر قانچە قېتىم ئېيتىپ بەرسىڭىز، ئۇ سىزگە ئەگىشىپ ئەڭ ئاخىرقى قاپىيداش سۆزنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. سۆزلەشكە بولغان ئاكتىپچانلىق بالىلاردىكى تىل ئىقتىدارىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ياخشى پۇرسەت. ئاتا - ئانىلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىل مەشىقى قىلدۇرۇشنى تەبىئىي ھالدا كۈندىلىك تۇرمۇش ئىچىگە، ئۇيۇن ئىچىگە سىڭدۈرۈش. مەسىلەن: ئەتىگەندە بالىلارغا كىيىم كىيدۈرگەن ۋاقىتتا بىر - ئىككى سۆز قىلىپ بىر تەرەپتىن سۆزلەپ، بىر تەرەپتىن مەشىق قىلدۇرۇپ، ۋاقىتتىن تولۇق پايدىلىنىش كېرەك ياكى بالىلارنىڭ ئويۇن پائالىيىتى جەريانىدا مەسىلەن: ھايۋاناتلار باغچىسىغا بارغاندا ئۇنىڭغا يولۋاس، شىر قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئېيتىپ بالىلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇشى كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە