UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن ئورمانلىقلاردا پىللارنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئورمانلىقلاردا پىللارنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئورمانلىقلاردا سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلارنىڭ ئۆلۈكى ئۇچراپ تۇرىدۇ، پەقەت پىلنىڭلا ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا بىر مۇنچە كىشىلەر پىل ئۆلىدىغان چاغدا ئەزرائىلنىڭ چاقىرىشىنى كۈتۈش ئۈچۈن، بىر سىرلىق پىل قەبرىستانلىقىغا كېتىدۇ دەپ قارىشىدۇ. 1938 - يىلى بىر ئېكىسپېدىتسىيە ئەترىتى غايەت زور بىر ئۆڭكۈردىن زور تۈركۈمدە پىل چىشى ۋە پىل سۆڭەكلىرىنى بايقىغان. نېمە ئۈچۈن پىللارنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟ پىللارنىڭ قەبرىستانلىقى بارمۇ؟ بۇ مەسىلىلەر ئالىملارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇنىڭغا جاۋاب تېپىلغان. خاۋېر ئىسىملىك بىر بىئولوگ بىر ئاخشىمى پىللارنىڭ دەپنە مۇراسىمىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن: قېرىپ تېنى زەئىلىشىپ كەتكەن بىر قېرى پىل يىقىلىپ چۈشكەن، ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئەتراپىدىكى پىللار ئازابلىق ھۆركىرىشىپ كەتكەن، ئارقىدىن ئولىشىپ كېلىپ، ئۆلگەن پىلنى تاش، شاخ - شومبىلار بىلەن كۆمۈۋەتكەن. مانا بۇ پىللارنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولماسلىقىنىڭ سەۋەبى بولسا كېرەك. ئالىملار ھېلىقى پىل چىشى چىققان ئۆڭكۈردىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇلارنىڭ بايقىشىچە، ئىنسانلار پىللارنى ھەدەپ ئېتىپ ئۆلتۈرىدىغان دەۋرلەردە، ئامان قالغان پىللار بۇ ئۆڭكۈرگە قېچىپ كىرىۋالغاندىن كېيىن، زور ئوت ئاپىتىگە ئۇچراپ ئۆلۈپ كەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر دۆۋە پىل چىشى ۋەپىل سۆڭەكلىرى قېلىپقالغان. بۇ مەسىلىگە ئىلمىي جاۋاب تېپىلغان بولغاچقا، پىللارنىڭ قەبرىستانلىقى مەۋجۇت ئەمەس دەپ جەزم قىلالايمىز.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن ئورمانلىقلاردا پىللارنىڭ ئۆلۈكىنى ئۇچراتقىلى بولمايدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki