UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن رەڭسىز توسالغۇ ئالاقىلىشىشنى ئۈزۈپ قويىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن رەڭسىز توسالغۇ ئالاقىلىشىشنى ئۈزۈپ قويىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئاۋاز توسالغۇسى ۋە تېرمال توسالغۇنى بىلىدۇ، ئەمما رەڭسىز توسالغۇنى پەقەت ئاڭلاپ باقمىغان. رەڭسىز توسالغۇ، ئالەم ئۇچقۇرى يەر شارىغا قايتقاندا، ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەندە، مەلۇم بىر مەزگىل سىرتقى دۇنيا بىلەن بولغان ئالاقىنىڭ ئەينەن بولماسلىقى ھەتتا ئۈزۈلۈپ قېلىش ھادىسىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئالەم ئۇچقۇرى ئۆزىنىڭ رولىنى يوقىتىپ، يەر يۈزى بىلەن نورمال خەۋەرلىشىپ ئالاقىلىشەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ خىل ھادىسىنى رەڭسىز توسالغۇ دەيمىز. بىز ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئېگىز بوشلۇقتا ئۇچقاندا بىر قەدەر تېز سۈرئەتنى ساقلىشى كېرەكلىكىنى بىلىمىز. ئالەم ئۇچقۇرى ئالەم بوشلۇقىدىن قايتقاندا، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىگە ئۇچرىغانلىقتىن، سۈرئىتى بارغانچە تېزلىشىدۇ. ئاتموسفېرا قاتلىمىغا كىرگەن ۋاقىتتا، ئالەم ئۇچقۇرى ئەتراپىدىكى ھاۋاغا شىددەتلىك بېسىم بېرىپ، ھاۋانىڭ تېمېپراتۇرىسى ناھايىتى تېز ئۆرلەيدۇ. بۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا، ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ سىرتقى قىسمى ئېرىپ، كۆيۈپ ئىسسىقلىقتىن ساقلىنىش قىسمى بىلەن ئەتراپىدىكى ھاۋا ئىئونلىشىپ، ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئەتراپى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئىئون قەۋىتى بىلەن ئورىلىدۇ، ئالاقىلىشىش رادىئو دولقۇنى بۇ خىل ئىئون قەۋىتىنى تېشىپ ئۆتكەندە، تېز سۈرئەتتە ئاجىزلىشىدۇ ۋە قايتىدۇ. شۇڭا ئالەم ئۇچقۇرى بىلەن يەر يۈزى قوماندانلىق مەركىزى ئوتتۇرىسىدىكى رادىئو ئالاقىسى ئېغىربۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ، ھەتتا ئۈزۈلۈپ قالىدۇ. ئالەم ئۇچقۇرى ئۇچۇش ئېگىزلىكىنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ ھاۋانىڭ زىچلىقى ئاشىدۇ. شۇڭا ھەرىكەتكە توسالغۇ قىلىش كۈچىمۇ بارغانسېرى ئېشىپ، ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ ئۇچۇش سۈرئىتى ئاستىلايدۇ. سۈركىلىشتىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىقنىڭ مىقدارى ھاۋانى ئىئونلاش دەرىجىسىگە يەتمىگەندە ئالەم ئۇچقۇرىنىڭ سىرتقى قىسىمىدىكى ئىئون قەۋىتى يوقىلىدۇ، رادىئو دولقۇنى قايتا كاشىلىغا ئۇچرىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەۋەرلىشىش ئەسلىدىكى نورمال ھالىتىگە قايتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە