UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى قانداقتەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكېرەك؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى قانداقتەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكېرەك؟

نېمە ئۈچۈن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ئاجىز، مۇھىت ئۆزگىرىشىگە نىسبەتەن ماسلىشىشچانلىقى تۆۋەن بولغانلىقتىن يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى يۇيۇش ۋاقتى ئۇزىراپ كەتمەسلىكى، ئادەتتە بەش مىنۇتتىن يەتتە مىنۇت ئىچىدە كونترول قىلىنىشى، ئېيىغا توشقاندىن كېيىن ۋاقىتنى بارا - بارا ئۇزارتسا، ياز پەسلىدە 15 مىنۇت ئەتراپىغىچە ئۇزارتسا بولىدۇ. يۇيۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن چوقۇم يۇيۇشتىن ئىلگىرىكى تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئالدى بىلەن تۆۋەندىكى بوۋاقلارنىڭ مەخسۇس يۇيۇش بۇيۇملىرىنى يەنى، يۇيۇش دېسى، سۇ تېرمومېتىرى، ئىسسىق سۇ، بوۋاقلار سوپۇنى، چوڭ لۆڭگە، يۈز لۆڭگىسى، مۇنچا لۆڭگىسى، كىيىم، پاختا پىلتىكۈچ قاتارلىقلارنى تەييارلىۋېلىش لازىم. ئاندىن دېرىزىنى ئېتىپ، چىراغ نۇرى ۋە ئۆي تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشىۋېلىش، ئۆي تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە 28℃ ~ 25℃ تا، ھۆللۈك دەرىجىسى 50% ئەتراپىدا كونترول قىلسا، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەپ، يۇيۇنۇش دېسىنىڭ يېرىمىغىچە سۇ قۇيۇپ، سۇ تېمپېراتۇرىسىنى 40℃ ~ 38℃ تا كونترول قىلسا بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى يۇيۇشتىن ئىلگىرى قانداقتەييارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەشكېرەك؟ | UyghurWiki | UyghurWiki