UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن مىجەزى رايىش پىل ئۇشتۇمتۇتلا ئەسەبىيلىشىپ كېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مىجەزى رايىش پىل ئۇشتۇمتۇتلا ئەسەبىيلىشىپ كېتىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن پىلنىڭ مىجەزى ناھايىتى رايىش بولۇپ ئىنسانلارغا ھۇجۇم قىلمايدۇ، لېكىن بەزىدە ئۇشتۇمتۇتلا ئەسەبىيلىشىپ كېتىدۇ، بۇ قانداق ئىش؟ جەنۇبىي ئافرىقىدىكى تەبىئىي قوغدىلىدىغان بىر رايوندا مانۇرا دەپ ئاتىلىدىغان يوغان بىرخىل دەرەخ بار ئىكەن. يامغۇر پەسلى يېتىپ كەلگەندە بۇ دەرەخكە شىرنىلىق مېۋە چۈشىدىكەن، پىل بۇ مېۋىنى يىيىشكە ئامراق ئىكەن. ئەجەبلىنەرلىكى، ئەگەر بۇ مېۋىنى ئازراق يېسە ھېچ ئىش بولمايدىكەن، بىراق بىرلا قېتىمدا بەك جىق يەۋالسا كۈچلۈك ھاراق ئىچىۋالغاندەك مەست بولۇپ قالىدىكەن. بۇ چاغدا غەرق مەست بولۇپ كەتكەن بەزى پىللار بىر يەرنى تېپىپ ئۇخلايدىكەن، بەزىلىرى مەستلىكتە ئۆزىنى تۇتالماي ماشىنىلارنى مىجىۋېتىدىكەن. دەرەخلەرنى قومۇرۇۋېتىدىكەن، ھەتتا ئەسەبىيلىشىپ ساياھەتچىلەرنى قوغلاپ كېتىدىكەن. پىل بۇ مېۋىنى يېسە نېمە ئۈچۈن مەست بولۇپ قالىدۇ؟ چۈنكى بۇ مېۋىنىڭ تەركىبىدە كۆپ مىقداردا كراخمال ۋە شېكەر بار ئىكەن، پىلنىڭ ئاشقازىنىدا بولسا كۆپ مىقداردا ئېچىتقۇچى باكتېرىيە بولىدىكەن، بۇلار ئۇچراشقاندىن كېيىن، ئاشقازان <ھاراق ئېچىتىش> قا باشلايدىكەن - دە، كراخمال تەدرىجىي ھالدا ئىسپىرتقا ئايلىنىدىكەن، شۇنىڭ بىلەن پىل مەست بولۇپ ئەسەبىيلىشىدىكەن. پىلنىڭ ئەسەبىيلىشىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى بار ئىكەن. مەسىلەن، ئوۋلىغۇچىلار پىلغا ئوق چىقارغاندا، ئوق پىلنىڭ بەدىنىگە كىرىپ مەلۇم نېرۋىسى بىلەن ئۇچراشقاندا، ياللۇغلانغان جاراھىتى پىلنى ناھايىتى بىئارام قىلىۋېتىدىكەن، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەدىنىدىكى ئوقنىڭ قىينىشىدا پىلنىڭ مىجەزى تېىىمۇ چۇسلىشىپ كېتىدىكەن، ھەتتا ئەسەبىيلىشىش دەرىجىسىگە بېرىپ يېتىدىكەن.
← بارلىق تېمىلار نەمە