ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملىگەندە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش ئېلىپ بارغاندا، ھەممە بالىلارغا ئوخشاشلا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلىشقا بولىۋەرمەيدىغانلىقىغا، بوۋاقتا تۆۋەندىكى ئەھۋاللار كۆرۈلسە، ئالدىن ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش مۇۋاپىق بولمايدىغانلىقى ياكى ۋاقىتلىق توختىتىشقا دىققەت قىلىش كېرەك:
1. ئەگەر ئېغىر يۈرەك كېسىلى، جىگەر كېسىلى، بۆرەك كېسىلى، تۇبېركۇلوز كېسىلى بولغاندا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش مۇۋاپىق ئەمەس؛
2. ئەگەر نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرى مەسىلەن: تۇتقاقلىق، چوڭ مېڭە تولۇق يېتىلمەسلىك قاتارلىقلاردا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش مۇۋاپىق ئەمەس؛
3. ئەگەر ئېغىر دەرىجىدە ئوزۇقلۇق ياخشى بولماسلىق، ئېغىر راخىت كېسىلى، تۇغما ئىممۇنىتېت كەملىك بولسا ئالدىنى ئېلىش ۋاكسىنىسى ئەملەش مۇۋاپىق ئەمەس؛
4. بالىلارنىڭ ئىچى سۈرۈپ قالسا ياكى چوڭ تەرەت قېتىم سانى تۆت قېتىمدىن ئېشىپ كەتسە، بالىلار پالەچلىك كۇمۇلىچى بېرىشكە بولمايدۇ؛
5. ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 37.5℃ دىن ئېشىپ كەتسە، ئالدى بىلەن تەكشۈرۈپ قىزىشنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىپ، داۋالاپ ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن ۋاكسىنا ئەملەش؛
6. ئەملىگەن ئورۇندا ئېغىر تېرە ياللۇغى، تەڭگە تەمرەتكە، ھۆل تەمرەتكە ھەم يىرىڭلىق تېرە كېسىلى بولسا، داۋالاپ ساقايتقاندىن كېيىن ئاندىن ۋاكسىنا ئەملەش كېرەك.