ھامىلىدار ئاياللار ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرۈشكە ئېھتىياجلىقمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان بولغۇسى ئانىلار <مەن يا يېشى چوڭىيىپ كەتكەن ھامىلىدار ئايال بولمىسام، نېمىشقا دوۋن سندرومى كېسەللىكىنى تەكشۈرتۈشۈم كېرەك؟> دەپ سورىشىدۇ، بۇ بىر ئەمەلىيەتچانلىقى ناھايىتى يۇقىرى سوئال. چۈنكى كۆپچىلىك دائىم يېشى چوڭ ئاياللار تۇغقان بالىنىڭ كۆپىنچىسى دوۋن سندرومى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدۇ دەيدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن، كۆپچىلىك دوۋن سندرومى كېسەللىكىنى يېشى چوڭ تۇغۇتلۇق ئاياللارغا خاس دېيىشىدۇ. ئەمەلىي ستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلى دوۋن سندرومى كېسەللىكى بىلەن تۇغۇلغان بوۋاقلارنى پەقەت 17% يېشى چوڭ ھامىلىدار ئاياللار تۇغقان، كۆپ قىسىم بوۋاقلارنى بولسا يەنىلا ياش ئانىلار تۇغقان. شۇڭا، يېشى چوڭ ئاياللار بىر ئاز <خەتەرلىك>، بىراق ياش ئانىلارمۇ بۇنىڭ سىرتىدا ئەمەس. شۇڭا، بارلىق ھامىلىدار ئاياللار يېشىغا قارىماي، ئانا قېنىنى سۈزۈپ تەكشۈرتۈشى كېرەك.