يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرىتىنى قانداقكۆزىتىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار چوڭ تەرىتىنىڭ شەكلى بېقىش ئۇسۇلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن سىرت، مەلۇم دەرىجىدە يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كېسەللىنىش ئەھۋالىدىن ئالدىن بېشارەت بېرىدۇ. ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى ئالتۇن رەڭدە، يۇمشاقراق، شەكلى تەكشى بىردەك، چوڭ تەرەت قېتىم سانى كۆپرەك بولۇپ، ئادەتتە كۈندە ئىككى قېتىمدىن ئۈچ قېتىمغىچە چوڭ تەرەت قىلىدۇ، ساپ ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقنىڭ چوڭ تەرىتى ئەگەر سۇيۇقراق، قېتىم سانى كۆپرەك، ئەمما يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ روھىي ھالىتى، سۈت ئېمىش ئەھۋالى ياخشى، تېنىنىڭ يېتىلىشى نورمال بولسىلا ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ. سۈت پاراشوكى ئارىلاشتۇرۇپ بېقىلغان يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرىتى دائىم سۇس سېرىق ياكى توپا رەڭدە، سەل قۇرغاق، يىرىك بولۇپ، يېڭىتۇغۇلغان بوۋاققا بىر ئاز قايناق سۇنى قوشۇپ ئىچكۈزۈپ بەرسە، چوڭ تەرەتنىڭ قۇرغاق بولۇش ئەھۋالىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ چوڭ تەرەت مىقدارى ئاز، قېتىم سانى كۆپ، يېشىل رەڭلىك شىلىمشىق ھالەتتە بولسا، بۇ دائىم ئوزۇقلىنىش يېتەرلىك بولماسلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ، پەقەت يېتەرلىك مىقداردا ئوزۇقلاندۇرۇش ئارقىلىق چوڭ تەرەتنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەگەر چوڭ تەرىتى بەك سۇيۇق، سۇدەك ھەمدە تەرەتنىڭ قېتىم سانى ۋە مىقدارى كۆپىيىپ كەتسە، بۇ كېسەللىكتىن ئالدىن بېشارەت بولۇپ، كۆپىنچىسى ئۈچەي ياللۇغى، ئىچ سۈرۈش قاتارلىق كېسەللىكلەردۇر. سۇ تەركىبى بىلەن ئېلېكترولىتنى كۆپ يوقىتىش يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا سۇسىزلىنىش ۋە ئېلېكترولىت قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا دەرھال دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك. ئەگەر چوڭ تەرەت سۇيۇق، شىلىمشىق سۇيۇقلۇق كۆپرەك بولسا ياكى قان ئارىلاش كەلسە ھەم تەرەت قىلغاندا بوۋاق يىغلاپ توختىمىسا، بەلكىم باكتېرىيە خاراكتېرلىك تولغاق ياكى باشقا كېسەللىك باكتېرىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا بۇنى ۋاقتىدا دوختۇرغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك.