UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچكەندە سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچكەندە سۈپەتلىك تۇغۇشقا تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچىش ئارقىلىق ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش جەريانىدا مەيلى ئۇزۇن مۇددەت ئىستېمال قىلىدىغان مۇرەككەپ لېكىن قىسقا ئۈنۈملۈك دورا بولسۇن ۋە ئۈنۈمى ئۇزۇن بولغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بولسۇن ياكى ۋاقىتلىق ئىستېمال قىلىدىغان ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى بولسۇن، ئەگەر قائىدە بويىچە ئىستېمال قىلمىسا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۈنۈمى بولمايدۇ — دە، بىلىپ - بىلمىگەن ھالدا ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىچكەندە ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتەمدۇ - يوق دېگەننى ھەربىر ھامىلىدارلار چوقۇم ئويلىشى ۋە بۇنىڭغا دىققەت قىلىشى كېرەك. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە دورا ئىشلەتكەندە، ئاساسلىقى ئانىدىكى ماددا ئالماشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئەزا — بالىياتقۇ ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. جىنسىي ھورمۇننىڭ ھامىلە ۋە يېڭى تۇغۇلغانلارغا نىسبەتەن ناچار تەسىرى بارلىقى، زەھەرلىك ئىكەنلىكى ھەم غەيرىيلىكىنى، راكنى پەيدا قىلىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم. ئاتىلىق جىنسىي ھورمون ۋە ھامىلىدارلىق جىنسىي ھورمون بىرلىشىپ، بولۇپمۇ ئۇرۇقداندىكى تېستوستېروننىڭ تەدرىجىي تەرەققىي قىلىشى تۈپەيلىدىن بىرىككەن ھامىلىدارلىق ھورمونى، قىز ھامىلىنىڭ ئوغۇللىشىشنى پەيدا قىلىپ، تاشقى كۆپەيتىش ئەزالىرىنىڭ نورمالسىزلىقىنى يەنى تاشاق يوغىناپ كېتىش، جىنسىي لەۋنىڭ چاپلىشىپ بىرلىشىپ كېتىشى قاتارلىقلارنى پەيدا قىلىدۇ. چىشى جىنسىي ھورمونلار ئوغۇل ھامىلىنىڭ قىز بالىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. غىدىقلىنىش ئارقىلىق بۆرەك بەزلىرىگە ئەركەك جىنسىي ھورموننىڭ مىقدارىنى كۆپەيتىپ قىز ھامىلىنىڭ ئوغۇلىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بىر ئەۋلاد تۇغما يۈرەك كېسىلىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى ئىككى - ئۈچ ھەسسە كۆپىيىدۇ. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندا ئىرسىيەت ۋە كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ پەيدا بولۇشىغا ناچار تەسىر ئېلىپ كېلەمدۇ - يوق؟ بۇ ئىزچىل مۇھىم تەتقىقات نۇقتىسى بولۇپ كەلمەكتە. بەزى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىلىرى خروموزومانىڭ غەلىتىلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن، بولۇپمۇ خروموزومانىڭ پارچىلىنىش نىسبىتىنى كۆرۈنەرلىك ھالدا يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. دورىنى داۋاملىق ئىستېمال قىلغان ياكى دورا ئىستېمال قىلىشنى توختىتىپ قويغىلى ئۈچ ئاي بولغاندا ھامىلىدار بولغانلارنىڭ تەبئىي بويىدىن ئاجراش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولىدىكەن ھەم بۇ خىل بويىدىن ئاجراش ئارقىلىق چۈشكەن بالىلارنىڭ خروموزوماسىنىڭ غەيرىيلىك نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. بىراق بەزى ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى ياكى ئېغىر ئاياغ ۋاقتىدا ھامىلىدارلىق دورىسىنى ئىشلەتكەنلەر بىلەن ئىشلەتمىگەنلەرنىڭ ھامىلىنىڭ غەيرىي بولۇپ قېلىش نىسبىتىنى سېلىشتۇرغاندا، پەرق بەك چوڭ بولمىغان. ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىنكى بىر ئەۋلادقا بولغان تەسىرى توغرىسىدا مۇنازىرىلەر بولۇپ تۇرماقتا، نۆۋەتتە جۇڭگودا ئومۇميۈزلۈك قوللىنىۋاتقان ۋە قارشى ئېلىشقا ئۇچرىغان قىسقا ئۈنۈملۈك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنىڭ ئەسلىدىكى دورا مىقدارىنىڭ1/4 ىچىلىك بولۇپ، ئادەتتە يەنىلا بىر ئاز بىخەتەر دورا ھېسابلىنىدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە