UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق سىكانتېرلاشنىڭ[JZ] (شەكىل چۈشۈرۈشنىڭ) قوشۇمچە رولى ] بارمۇ - يوق؟

ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق سىكانتېرلاشنىڭ[JZ] (شەكىل چۈشۈرۈشنىڭ) قوشۇمچە رولى ] بارمۇ - يوق؟

نېمە ئۈچۈن نۆۋەتتە تۇغۇت ئالدىدىكى تەكشۈرۈشتە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق سىكانتېرلاش ئەسۋابى كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ قالدى. چۈنكى ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ بىنورماللىق جەھەتتىكى ھادىسىلەرنى بايقاشقا قۇلايلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، تۇغۇت بۆلۈمى دائىم ئىشلىتىدىغان ئەسۋابقا ئايلىنىپ قالدى. ھەربىر بولغۇسى ئانا كەلگۈسىدە تۇغۇلماقچى بولغان پەرزەنتىنىڭ ساغلاممۇ - ئەمەسمۇ؟ قىزمۇ ياكى ئوغۇلمۇ؟ قاتارلىقلارنى بىلىشكە ئىنتىلىدۇ. ئەلۋەتتە، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى نورمالسىزلىقلار تۈپەيلىدىن ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتىدۇ، گەرچە ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى ئارقىلىق سىكانتېرلاش ئەسۋابىنىڭ ئېنېرگىيە دەرىجىسى تۆۋەن، جانلىقلارغا بولغان قوزغىتىش تەسىرى بار بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇنلىغان مېدىتسىنا قۇرۇلمىلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، يەنىلا بىخەتەر دەپ قارالدى. شۇڭا، ھامىلىدار مەزگىلىدە ئالاھىدە ھەرخىل سەۋەبلەردىن كۆپ قېتىم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنىدا تەكشۈرتكەندە، ئارتۇقچە ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق.
← بارلىق تېمىلار نەمە