UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۈچەيتكۈچى يېمەكلىكلەر (قۇۋۋەت تالقانلىرى( نى قانداق تاللاپ بېرىش كېرەك؟

كۈچەيتكۈچى يېمەكلىكلەر (قۇۋۋەت تالقانلىرى( نى قانداق تاللاپ بېرىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن ئادەم بەدىنىنىڭ مەلۇم نەرسىگە بولغان ئالاھىدە ئېھتىياجىغا ئاساسەن، يېمەكلىك ئارقىلىق مەلۇم بىرخىل ئالاھىدە ئېھتىياجلىق ئوزۇقلۇق ماددىنى تولۇقلاش ھەم بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددىنى تولۇقلاش ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈچۈن ياسالغان يېمەكلىكلەر كۈچەيتكۈچى يېمەكلىكلەر (قۇۋۋەت تالقانلىرى) دېيىلىدۇ. بالىلار ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان مەزگىلدە خىلمۇخىل ئوزۇقلۇق ماددىلارغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ ھەم كۈندىلىك يېمەكلىك، تەبىئىي يېمەكلىكتىن بۇ خىل ئوزۇقلۇقنى قوبۇل قىلىدۇ. ئەگەر بالىلاردا قىسمەن تاماقلارنى يېمەسلىك، تاماق تاللاش ئادىتى ياكى كۈندىلىك تاماقتا مەلۇم خىل ۋە ياكى بىرقانچە خىل ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولمايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلسە، مەخسۇس بالىلارغا بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېمەكلىكنى بېرىشتىن سىرت، يەنە كۈچەيتكۈچى يېمەكلىك ئارقىلىق ئوزۇقلۇق تولۇقلاش لازىم. نۆۋەتتىكى بۇ خىل يېمەكلىكنىڭ تۈرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ۋىتامىنلىق كۈچەيتكۈچى يېمەكلىكلەر مىنېرال ماددىلاردىن كالتسىي ۋە مىكرو ئېلېمېنتلاردىن يود، فوسفور، تۆمۈر قاتارلىقلارنى تولۇقلايدىغان كۈچەيتكۈچى يېمەكلىكلەر ئاقسىل، ئاممىياك كىسلاتاسى، تۇخۇم ئاممىياك كىسلاتاسى قوشۇلىدىغان كۈچەيتكۈچى يېمەكلىكلەر قاتارلىقلار بولۇپ، ئاتا - ئانىلار ئېھتىياجغا ئاساسەن مۇۋاپىق ھالدا بۇ خىل يېمەكلىكلەرنى تاللاپ بەرسە بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە