ياڭيۇ بىلەن تاتلىقياڭيۇنىڭ قانداق پەرقى بار؟
نېمە ئۈچۈن
كىشىلەر تۇرمۇشتا ئاساسەن ياڭيۇ بىلەن تاتلىقياڭيۇنىڭ يەر ئاستى قىسمىنى، يەنى تۈگۈنىكىنى ئىستېمال قىلىدۇ. سىرتىدىن قارىغاندا، ئۇلارنىڭ دانىسى ناھايىتى چوڭ، ئىچى ئاساسەن كراخمال بولۇپ، تەمىدىمۇ چوڭ پەرق يوق. لېكىن بوتانىكىدا بۇ ئىككىسى ئوخشاش بولمىغان ئىككى ئۇقۇمغا مەنسۇپ بولۇپ، ياڭيۇ تۈگۈنىكىنى تۈگۈنەك غول، تاتلىقياڭيۇ تۈگۈنىكىنى بولسا تۈگۈنەك يىلتىز دەيمىز.
ياڭيۇ تۈگۈنىكى بىلەن تاتلىقياڭيۇ تۈگۈنىكىنىڭ ھەر قايسىسىدىن بىردىن ئېلىپ كۆزىتىپ باقايلى. ياڭيۇنىڭ سىرتقى پوستىدا نۇرغۇن ئۇششاق تۆشۈكچىلەر بولۇپ، تۆشۈك ئىچىدە بىخ بولىدۇ، تۆشۈكچىنىڭ گىرۋىكىدە بىر تال قاشقا ئوخشاش ئىز بولۇپ، تۆشۈكچە بىلەن بۇ ئىز ئادەمنىڭ كۆزىگە ناھايىتى ئوخشىشىدۇ، بوتانىكىدا ئۇ <بىخ كۆزى> دېيىلىدۇ. ئەگەر ياڭيۇنىڭ سىرتقى پوستىدىكى بارلىق بىخ كۆزلىرىنى سىزىق بىلەن تۇتاشتۇرساق، ئۇلارنىڭ بۇرمىسىمان شەكلىدە تىزىلغانلىقىنى بايقايمىز. بىخ كۆزلىرىدىكى بىخلار بىخ سۈرۈپ ئۇچ تارتىدۇ، ھېلىقى قاشقا ئوخشىشىدىغان ئىز بولسا يوپۇرماقتىن قېلىپ قالغان ئىز بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىكى ئۆسۈملۈك غولىنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر، ياڭيۇغا ئوخشاش تۈگۈنەك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن، تاتلىق زەنجىۋىل، گاسترودىيە ئوتى، سۇ رەيھىنى قاتارلىقلار.
تاتلىقياڭيۇنىڭ تۈگۈنىكىدە گەرچە بىخ ئۆسۈپ چىقالمىسىمۇ لېكىن بىخ ئورنىنىڭ تىزىلىشى ئىنتايىن قالايمىقان، سىرتىدا ياڭيۇ تۈگۈنىكىدەك ئۇنداق يوپۇرماق ئىزلىرى بولمايدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى يىلتىزنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر. داخلىيە گۈلى، مانىخوت قاتارلىقلار مۇشۇ خىل تۈگۈنەك يىلتىزلىق ئۆسۈملۈكلەرگە كىرىدۇ.