UyghurWiki›نەمە›تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
تارقىلىشچان مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەشتە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
نېمە ئۈچۈن
مېڭە يۇلۇن پەردە ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئوكۇل قىلغاندا ئادەتتە بەك چوڭ رېئاكسىيە بولمايدۇ. ئەملەنگەن ئورۇندا قىزىرىش، باسسا ئاغرىش كۆرۈلۈپ، كۆپىنچىسى ئەملىنىپ 24 سائەت ئىچىدە ئاستا - ئاستا يوقاپ كېتىدۇ. ئايرىم بوۋاقلاردا قىسقا ۋاقىتلىق قىزىش يۈز بېرىدۇ، بۇ كۆپىنچىسى ئەملىنىپ ئالتە ~ سەككىز سائەتتە كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5℃ دىن تۆۋەن بولسا، بوۋاققا كۆپرەك قايناق سۇ ئىچكۈزۈش ھەمدە ئازراق سۇيۇق - سەلەڭ يېمەكلىك بېرىشكە بولىدۇ. ئادەتتە قىزىش ئالامىتى ئىككى كۈن ئىچىدە ساقىيىپ كېتىدۇ. ئەگەر قىزىتما 38.5℃ دىن يۇقىرى ھالدا داۋاملاشسا ياكى ئىككى كۈندىن كېيىنمۇ ساقايمىسا، ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىش كېرەك. ئايرىم بوۋاقلاردا يەنە زىيادە سەزگۈرلۈك رېئاكسىيىسى يۈز بېرىدۇ. ئەگەر ئەملىنىپ ئون نەچچە سائەتتە تېرىدە قاپارتما كۆرۈلسىمۇ ۋاقتىدا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ داۋالىتىش كېرەك