UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن دېڭىز ئادەمگىياھى <يازدا ئۇخلايدۇ>؟

نېمە ئۈچۈن دېڭىز ئادەمگىياھى <يازدا ئۇخلايدۇ>؟

نېمە ئۈچۈن ھەممەيلەنگە مەلۇم، سوغۇق قىش يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوزۇقلۇقنىڭ كەمچىل بولۇشى، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشى بىلەن، نۇرغۇن ھايۋانلار بىر - بىرلەپ دەرەخ كامىرى، توپىنىڭ ئاستى، قىيا كامارلىرىغا كىرىپ قىشلىق ئۇيقۇسىنى باشلايدۇ. قىش چىقىپ ئەتىياز يېتىپ كەلگەندە، ئاندىن ئويغىنىدۇ. ھايۋانلارنىڭ قىشتا ئۇخلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئەمەس. ئەجەبلىنەرلىكى، تېيىز دېڭىزدا ياشايدىغان يىڭنە تېرىلىك ھايۋان - دېڭىز ئادەمگىياھى پىژ - پىژ ئىسسىق يازدا ئۇخلايدۇ. بۇنىڭدا نېمە سەۋەب بار؟ دېڭىز ئادەمگىياھى تېيىز دېڭىزدا ئۇششاق جانىۋارلارنى تۇتۇپ يەپ ھايات كەچۈرىدۇ. ۋەھالەنكى، دېڭىزدىكى جانىۋارلار دېڭىز سۈيى تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. كۈندۈزى دېڭىز يۈزىدىكى سۇ ئىللىقراق بولغاچقا، دېڭىزدىكى جانىۋارلار ئۈستىگە لەيلەپ چىقىدۇ؛ كەچ كىرىپ سۇ يۈزى سوۋۇغاندا جانىۋارلار يەنە دېڭىزنىڭ ئاستىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. ڭياز كىرگەندىن كېيىن، دېڭىزنىڭ ئۈستۈنكى قاتلىمىدىكى سۇ كۈچلۈك كۈن نۇرىدا خېلى ئوبدانلا ئىللىپ قالىدۇ، بۇنىڭ بىلەن دېڭىزنىڭ ئاستىدىكى ئۇششاق جانىۋارلار ئۈستىگە لەيلەپ چىقىدۇ. ئەمما دېڭىز ئادەمگىياھى ئۇنداق قىلالمايدۇ، چۈنكى ئۇ تېمپېراتۇرىغا ناھايىتى سەزگۈر بولغاچقا، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 20 سېلىسىيە گرادۇستىن ئېشىپ كەتسىلا چىدىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن نائىلاج چوڭقۇر دېڭىزنىڭ ئاستىغا كۆچىدۇ. دڭىز ئادەمگىياھىنىڭ يېڭىدىن كۆچۈپ بارغان جايى ئوزۇقلۇق كەمچىل جاي بولغاچقا، يازلىق ئۇخلاش ئارقىلىق بۇ جاپالىق ۋاقىتنى ئۆتكۈزىدۇ. بۇمۇ ئۇنىڭ مۇھىتقا بولغان بىر خىل ماسلىشىشى بولسا كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە
نېمە ئۈچۈن دېڭىز ئادەمگىياھى <يازدا ئۇخلايدۇ>؟ | UyghurWiki | UyghurWiki