UyghurWiki
UyghurWikiنەمەيېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېگىش سېزىمى بارمۇ؟

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېگىش سېزىمى بارمۇ؟

نېمە ئۈچۈن بوۋاقلار تۇغۇلۇشى بىلەنلا تەرەققىي قىلغان تېگىش سېزىمى ئىقتىدارى بولىدۇ. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئەمچەك توپچىسىغا تېگىپ كەتكەن ھامان ئۆزلۈكىدىن شوراشقا باشلايدۇ. لەۋ بىلەن بارماق بوۋاقلار تېگىش سېزىمىنىڭ ئەڭ سەزگۈر قىسمى، ئىسسىق - سوغۇق تەسىرگە نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر. مەسىلەن: كالا سۈتى ھەم يۇيۇنۇش سۈيى تېمپېراتۇرىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىگە نىسبەتەن ئوخشاش بولمىغان ئىنكاس قايتۇرىدۇ. شۇڭا، بوۋاقلار ئادەتتە ئېغىز ھەم قول ئارقىلىق تاشقى دۇنيانى ھېس قىلالايدۇ. بوۋاقلار بالدۇرقى تېگىش سېزىمىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن مۇھىم. بەزى ئاتا - ئانىلار بوۋاق تۇغۇلۇشى بىلەنلا مەھكەم تېڭىپ، پۇت - قول ھەم بەدىنىنى ئەركىن ھەرىكەت قىلغىلى قويماي، بوۋاقنىڭ بىلەك ھەرىكىتىنى چەكلەپ قويغانلىقتىن نەرسىلەرنى تۇتالمايدۇ. بۇ تېگىش سېزىمىنىڭ يېتىلىشىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىپ، بوۋاقلارنىڭ كېيىنكى سەزگۈسى ھەم سەزگۈرلۈكىگە نىسبەتەن ئىنتايىن پايدىسىز.
← بارلىق تېمىلار نەمە