نېمە ئۈچۈن دېڭىز قىرغاقلىرى ھامان ئەگرى - توقاي بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسى ناھايىتى ئۇزۇن بولسىمۇ، لېكىن ھامان ئەگرى - توقاي بولىدۇ، تۈز سىزىق بويىچە جايلاشقان دېڭىز قىرغىقى بولمايدۇ. بۇ زادى قانداق ئىش؟
دېڭىز قىرغاقلىرىنىڭ ئەگرى - توقاي بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ مۇھىم سەۋەب دېڭىز - ئوكياندىكى قاتتىق بوران ۋە كۈچلۈك دولقۇندىن ئىبارەت. بىپايان دېڭىزدا بوراننىڭ چىقىشى، دولقۇننىڭ كۆتۈرۈلۈشى تولىمۇ نورمال ئىش، ئاممىباب تىل بىلەن ئېيتقاندا <بوران چىقمىسىمۇ سۇ ئۈچ گەز دولقۇنلايدۇ> قاتتىق بوران چىققاندا كۆتۈرۈلىدىغان دوولقۇنغا گەپ توغرا كەلمەيدۇ: دېڭىز سۈيى بوران كۈچىنىڭ تۈرتكىسى ئارقىسىدا، چوڭ - كىچىك دولقۇنلارنى ھاسىل قىلىپ دېڭىز قىرغىقىغا سوقۇلىدۇ، سوقۇلۇش كۈچى قاتتىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى توختىماي داۋاملىشىدۇ. دېڭىز بويىدىكى بەزى جايلارنىڭ تۇپرىقى يۇمشاق بولسا، بەزى جايلارنىڭ تۇپرىقى قاتتىق بولىدۇ، بەزى جايلاردا تاغ جىنىسلىرى بىر قەدەر كىچىك بولىدۇ، بەزى جايلاردا تاغ جىنىسلىرى ھەم چوڭ، ھەم قاتتىق بولىدۇ، دېڭىز دولقۇنىنىڭ ئۇزاق مۇددەت سوقۇپ چىرىتىشى ئارقىسىدا، دېڭىز قىرغىقىنىڭ قىياپىتىدە ئۆزگىرىش بولىدۇ: بوش تۇپراقلار ياكى كىچىك جىنىسلىرى ئاسانلا يۇمشاپ تەدرىجىي ھالدا ئويۇلۇپ بارىدۇ، قاتتىق تۇپراقلار ياكى چوك تاغ جىنىسلىرى دېڭىز دولقۇنىنىڭ سوقۇشىغا بەرداشلىق بېرىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئۆزگىرىشلەر 10 مىليون يىللار داۋاملىشىش ئارقىلىق ئاخىرى دېڭىز قىرغىقى ئويمان - دۆڭ، ئەگرى - توقاي بولۇپ شەكىللىنىدۇ.
ئەلۋەتتە، دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسىنىڭ ئەگرى - توقايلىق ھالىتى ئۆزگەرمەيدىغان مۇقىم نەرسە ئەمەس، چۈنكى ئۇ يەنىلا بوران - دولقۇننىڭ سوقۇشىغا ئۈزلۈكسىز ئۇچراپ تۇرىدۇ. شۇڭا، بىر قانچە يىللاردىن كېيىن دېڭىز قىرغىقىنىڭ لىنىيىسى يەنە ئۆزگىرىدۇ.