UyghurWiki
UyghurWikiنەمەۋىتامىن D دىن زەھەرلىنىش دېگەن نېمە؟

ۋىتامىن D دىن زەھەرلىنىش دېگەن نېمە؟

نېمە ئۈچۈن ھازىر ئىلىمنىڭ ئومۇملىشىشغا ئەگىشىپ، كىشىلەر ۋىتامىن D نى تولۇقلىغاندا راخىت كېسىلى ۋە تۆۋەن كالتسىيلىق قان كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىغا نىسبەتەن بەلگىلىك تونۇشقا ئىگە بولدى. لېكىن ۋىتامىن D بىر خىل مايدا ئېرىشچان ۋىتامىن بولۇپ، قوبۇل قىلىش مىقدارى بەدەننىڭ ئېھتىياج مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە، بەلكىم بەدەندە بولۇپمۇ جىگەردە زاپاس ساقلىنىپ، قوبۇل قىلىنىش مىقدارى ئۇزۇن مەزگىل بەك كۆپ بولسا، ۋىتامىن D دىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا بوۋاققا نىسبەتەن ۋىتامىن D نى مۇۋاپىق تولۇقلاش زۆرۈر. لېكىن شۇنى ئەستە چىڭ ساقلاش كېرەككى، ۋىتامىن D نى ھەرگىزمۇ ئوزۇقلۇق مەھسۇلاتى قاتارىدا بوۋاققا ئۇزاق مەزگىل، كۆپ مىقداردا ئىچكۈزمەسلىك، بولۇپمۇ، بوۋاق راخىت كېسىلى بولۇپ قېلىپ، ۋىتامىن D ئارقىلىق داۋالاشقا دۇچ كەلگەندە چوقۇم ۋىتامىن D نى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىچكۈزۈش ياكى ئوكۇل قىلىش، قەتئىي ئەستە بولسۇنكى ھەرگىزمۇ خالىغانچە دورا قوشۇپ بېرىشكە بولمايدۇ.
← بارلىق تېمىلار نەمە