UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلارنىڭ سۆزلۈكنى ئىگىلىشىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟

بالىلارنىڭ سۆزلۈكنى ئىگىلىشىدە قانداق ئالاھىدىلىكلەر بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىككى يېرىم ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقىت بالىلارنىڭ سۆزلۈكلەرنى كۆپرەك ئىگىلىشىدىكى ياخشى مەزگىل. بالىنىڭ كۆپرەك ئىشلىتىلىدىغان سۆزلىرى كۆپىنچە ئىسىم ۋە پېئىلدىن ئىپادىلەش، چۈنكى بۇ سۆزلەر بالا بىلەن چوڭلار ئوتتۇرىسىدىكى ئاساسلىق ئېھتىياجنى قامىدىيالايدۇ. ئاتا - ئانىلار يېمەك - ئىچمەك، ئادەم ۋە ئويۇنچۇق قاتارلىق بالىلار ئەڭ قىزىقىدىغان نەرسىلەرنى تەسۋىرلەپ بايان قىلىپ، ئۇلارغا بىر قىسىم پېئىللارنى ئۆگىنىش پۇرسىتى تۇغدۇرۇپ بېرىشى كېرەك. بالىلار ئالدى بىلەن ئىشلىتىدىغان سۈپەتلەر دائىم <ياخشى> <يامان> <قىزىقارلىق> <ئەسكى> <ئىسسىق> <سوغۇق> قاتارلىق سۆزلەر بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئىسىم بىلەن سۈپەتنى بىرلەشتۈرۈپ ئىشلىتىشكە باشلايدۇ. مەسىلەن: <سوغۇق كالا سۈتى> <ئوماق قونچاق> دېگەندەك. ئاتا - ئانا بالا بىلەن ئالاقىلىشىش جەريانىدا كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن ھەرىكەتنى بىرلەشتۈرۈپ، بالىغا سۆز ئۆگەتسە، بالىنىڭ سۆز مىقدارىنى بېيىتقىلى بولىدۇ ھەم بالىنىڭ سىرتقى دۇنياغا بولغان قىزىقىشىنى ۋە ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بالىنىڭ سۆزلەرنى ئىگىلىشىدىكى ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپىنى چۈشەنگەندىن كېيىن ئاتا - ئانىلار بۇ تەرتىپكە ئاساسەن، پىلانلىق، مەقسەتلىك ھالدا، بالنىڭ سۆز مىقدارىنى كۆپەيتىشى كېرەك.بۇ باسقۇچتا بالىلارنىڭ بىلىدىغان سۆزلىرىنى كۆپەيتىشىتە تۆۋەندىكىدەك تەرتىپلەر بار: 1. رىتىم تۇيغۇسى بار بولغان سۆزلەرنى بالا ئوڭاي ئىگىلىۋالىدۇ. ئادەتتە بالىنىڭ ئەڭ بۇرۇن دىيەلەيدىغان سۆزى <دادا، ئاپا> دېگەن سۆزدىن ئىبارەت بولۇپ، ئاتا - ئانا بىلەن بالىنىڭ ئۇچرىشىش، يېقىنلىشىش پۇرسىتىنىڭ كۆپ بولۇشىمۇ بالىلارنىڭ ئەڭ بۇرۇن مۇشۇ سۆزلەرنى سۆزلىيەلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى. بىراق، بۇ خىل چاقىرىشىدا رىتىم تۇيغۇسى بولغانلىقى ئۈچۈن، بالىلار بىر ئاز ئوڭاي تەلەپپۇز قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمدىلا گەپ قىلىشنى ئۆگەنگەن بالىلار بەزى قايتىلىنىدىغان سۆزلەرنى قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ. ئاتا - ئانىلار مۇشۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بالىنى كۆپرەك گەپ قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك. بىراق، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، بالا مەلۇم بىر سۆزنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى يەنە بالا بىلەن بىرلىكتە بىر قىسىم قېلىپلاشقان سۆزلەرنى قىلىش كېرەك. بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا <بالىلار تىلى> نى قوللىنىشقا ئامراق كېلىدۇ (بالىغا ئوخشاش سۆزنى كەمتۈك ياكى ئەركىلەپ قىلىدۇ)، ئۇلار بالا بۇ خىل سۆزنى ئوڭاي ئەستە قالدۇرىدۇ دەپ ئويلايدۇ ياكى قىزىقىدۇ دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل تىل بالىنىڭ تىلىنىڭ نورمال تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. 2. كونكرېت ھەرىكەت ۋە ئوبراز ئاساس قىلىنغان سۆزلەرنى ئوڭاي ئىگىلىۋالىدۇ. بالىلار ئىگىلىۋالغان سۆزلەر ئىچىدە، كونكرېت ئىسىم ۋە ئالاقە ئىقتىدارى بار كونكرېت پېئىللار ئەڭ كۆپ بولۇپ، بۇ سۆزلەرنىڭ ئوبرازچانلىقى ۋە ھەرىكەتچانلىقنىڭ ئىپادىسى. 3. قايتىلانغان سۆزلەرنى ئوڭاي ئىگىلىۋالىدۇ. ئاتا - ئانا كۈندىلىك تۇرمۇش جەريانىدا بالىغا ئوخشاش بولمىغان شەيئىلەرنىڭ نامىنى ئېيتىپ بەرسە بولىدۇ. مەسىلەن: <بۇ قوزامنىڭ ئىستاكىنى> دېگەندەك. بۇ ئىشنى تاماملاش بىلەن بىرگە، بالىلارنى نېمە قىلىش توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىش كېرەك. مەسىلەن: <بالام يۇيۇنسا، بىردەمدىلا پاكىز بولۇپ كېتىدۇ> دېگەندەك. تۇرمۇشتىكى بۇنداق سۆزلەرنى توختىماستىن تەكرارلاش ئارقىلىق ۋە كونكرېت ھەرىكەت، ئوبرازلارنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەندە بالىلار بۇ خىل سۆزلەرنى ئوڭاي ئىگىلىۋالىدۇ. 4. قىزىققان سۆزلەرنى ئوڭاي ئىگىلىۋالىدۇ. بەزى بالىلار ئالاھىدە قىزىقىدىغان شەيئىلەرنىڭ نامىنى بەكرەك ئېسىدە ساقلايدۇ. ئاتا - ئانىلار كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئاستا - ئاستا بالىنىڭ قىزىقىشىنىڭ يېتىلىشىگە دىققەت قىلىپ ۋە ۋاقتىدا بايقاپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس شەكىل ئارقىلىق سىرتقى دۇنيانى كۆزىتىشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە