راخىت كېسىلىنىڭ قانداق ئالدىنى ئالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
راخىت كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ھامىلە مەزگىلىدىن باشلاش كېرەك. ھامىلىنىڭ ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرىدىكى ئۈچ ئايدا ۋىتامىن D، كالتسىي ۋە فوسفورغا بولغان ئېھتىياج مىقدارى ئۈزلۈكسىز ئۆرلەيدۇ. شۇڭا ھامىلىدار ئانا كۆپرەك ئاپتاپسىنىپ بېرىشى، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەركىبىدە ۋىتامىن D، كالتسىي، فوسفور قاتارلىقلارنىڭ مىقدارى كۆپ بولغان ياكى بەدىنى ئاجىز، كۆپ كېسەل بولغۇچىلارغا نىسبەتەن، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ۋىتامىن D ۋە كالتسىيلىق دورىلارنى ئىچىپ بېرىشى كېرەك. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلىق مەزگىلىدە ئانا سۈتى بىلەن بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش، بالدۇر تۇغۇلغان بوۋاق، قوشكېزەك، سۈنئىي بېقىلىۋاتقان بوۋاق ياكى قىشتا تۇغۇلغان بوۋاقلارغا تۇغۇلۇپ ئىككى ھەپتىدە ۋىتامىن D ۋە كالتسىيلىق دورىلارنى تولۇقلىسا، ئانا سۈتى بىلەن بېقىلغان بوۋاقلارغا تۇغۇلۇپ بىر ئايدا ۋىتامىن D ۋە كالتسىيلىق دورىلارنى تولۇقلىسا بولىدۇ. بوۋاقلىق مەزگىلىدە، داۋاملىق ئانا سۈتىدە بېقىشنى تەشەببۇس قىلىش، ۋاقتىدا قوشۇمچە يېمەكلىك تولۇقلاپ بېرىش؛ سۈنئىي بېقىلىدىغان بوۋاقلارغا ۋىتامىن D نى كۈچەيتىش سۈتى تاللاپ بېرىش، كۆپرەك ئاپتاپسىندۇرۇش، سىرتتىكى كۈندىلىك ھەرىكىتى تەخمىنەن بىر - ئىككى سائەت ئەتراپىدا بولۇش. ئادەتتە ۋىتامىن D نىڭ كۈندىلىك ئېھتىياج مىقدارى 400 خەلقئارا بىرلىك لېكىن ۋىتامىن D تەڭشەلمىلىرىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى ئاستىدا ئىشلىتىشكە دىققەت قىلىپ، ۋىتامىن D دىن زەھەرلىنىش كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىش كېرەك.