ئۆپكە ياللۇغى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
ئۆپكە ياللۇغى باكتېرىيە، ۋىرۇس، مىكوپلازما قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان كېسەل قوزغاتقۇچىلار ياكى باشقا ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۆپكىدىكى ياللۇغ، ئاناتومىيە قىلىنغان ئورۇنغا ئاساسەن كانايچە ئۆپكە ياللۇغى، چوڭ بۆلەك ئۆپكە ياللۇغى ۋە ئارىلىق ماددىلىق ئۆپكە ياللۇغىغا بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى كانايچە ئۆپكە ياللۇغى كىچىك بالىلاردا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆپكە ياللۇغى تىپى. جۇڭگودا ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇپ بالنىستتا ياتقۇچىلار بالنىستتا ياتقانلار ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىنى دېگۈدەك ئىگىلەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بوۋاق بالىلارنىڭ ئۆپكە ياللۇغى بىلەن ياتقانلارنىڭ سانى بولسا ئوقۇش يېشىدىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ 5.39 ھەسسىسىنى ئىگىلەيدۇ. يەڭگىل ئالامەتلىك ئۆپكە ياللۇغى پەقەت نەپەسلىنىش سىستېمىسىنى زورۇقتۇرۇپ قويىدۇ، دائىم كېسەل بولۇشى جىددىيرەك بولۇپ، ئاساسلىق ئىپادىسى قىزىش (يۇقىرى قىزىتما ياكى يۆتەلگەندە بەلغەممۇ بار)، نەپەسلىنىشى تېز (نەپەسلىنىش رىتىمى مىنۇتىغا 40 ~ 80 قېتىم)، دوختۇر ئاڭلاپ تەكشۈرگەندە ئۆپكە قىسمىدىن تۇراقلىق ھۆل خىرىپ ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ. ئېغىر بولغان ئۆپكە ياللۇغى بىر ۋاقىتتا يەنە باشقا ئەزالارنى زورۇقتۇرۇشتىن ئوخشىمىغان ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. مەسىلەن: نېرۋا سىستېمىسىنى زورۇقتۇرغاندا بىنورماللىق، ئۇيقۇسىراش، دۆلىنىش، ھوشسىزلىنىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. قان ئايلىنىش سىستېمىسىنى زورۇقتۇرۇغاندا چىرايى تاتىرىش، يۈرەك رىتىمى تېزلىشىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئېغىر بولغاندا يۈرەك مۇسكۇل ۋە يۈرەك زەئىپلىشىش بىللە كېلىدۇ، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى زورۇقتۇرۇغاندا ئىشتىھاسى ياخشى بولماسلىق، قۇسۇش، ئىچى سۈرۈش، قورساق كۆپۈش قاتارلىقلار كۆرۈلىدۇ. ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەندە دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ داۋالىتىش، داۋالاش پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويۇپ ئېغىر ئاقىۋەتلەر كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.