ئاۋىئاماتكىدىكى ئايروپىلانلار ئايروپىلانلار قانداق ئۇچىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
چوڭ تىپتىكى ئاۋىئاماتكىلار ئادەتتە 100 گە يېقىن ئايروپىلاننى ئېلىپ يۈرەلەيدۇ. بۇ ئايروپىلانلارنى ئۇچۇش شەكلىگە قاراپ تىك ئۇچار ئايروپىلان، تىك ياكى قىسقا ئارىلىقتا كۆتۈرۈلىدىغان - قونىدىغان ئايروپىلان ۋە ئادەتتىكىچە كۆتۈرۈلىدىغان - قونىىدىغان ئايروپىلان، دەپ ئايرىشقا بولىدۇ.
تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇش شەكلى ئاددىيراق بولۇپ، پەقەت تەرەپ ئۇزۇنلۇقى 20 مېتىر كېلىدىغان كۋادىرات شەكىللىك پالۇبا بولسىلا كۇپايە. تىك ياكى قىسقا ئارىلىقتا كۆتۈرۈلىدىغان - قونىدىغان ئايروپىلاننىڭ ماتورىغا ئايلىنىدىغان رىئاكتىۋ ئېغىز ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇچقاندا، رىئاكتىۋ ئېغىز تۆۋەنگە قارىتىپ گاز پۈركۈيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان ئۇچۇش - قونۇش يولىدا تېزلىكىنى ئاشۇرمايلا ھاۋا بوشلۇقىغا كۆتۈرۈلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، بۇنداق ئايروپىلان ئاۋىئاماتكىدىكى ئۇچۇش مەيدانىنىڭ كىچىكلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ مەخسۇس لايىھىلەنگەن.
ئاۋىئاماتكىدىكى نۇرغۇن ئايروپىلانلار يەنىلا كەڭ پالوبىدىكى ئۇچۇش - قونۇش يولىدا كۆتۈرۈلۈپ ئۇچىدۇ ۋە قونىدۇ. ئاۋىئاماتكا پالۇبىلىرىنىڭ تۈزلىرىمۇ، يانتولىرىمۇ بولۇپ، ئۇلار ئايرىم - ئايرىم تۈز پالۇبا ۋە يانتۇ پالۇبا دەپ ئاتىلىدۇ. تۈز پالۇبا بولسا ئايروپىلانلارنىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇشى ئۈچۈن ياسالغان، يانتۇ پالۇبا بولسا ئايروپىلانلارنىڭ قونۇشى ئۈچۈن ياسالغان. بۇنداق بولغاندا، ئايروپىلانلار كۆتۈرۈلگەن ۋە قونغاندا قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقمايدۇ. ئەڭ چوڭ ئاۋىئاماتكىلارنىڭمۇ ئۇزۇنلۇقى ئاران 300 نەچچە مېتىر كېلىدىغانلىقتىن، ئاۋىئاماتكىلارغا يەنە پارلىق ئاتقۇچ ئورنىتىلغان. ئۇ يۇقىرى بېسىملىق پار بىلەن ئايروپىلاننى يۇقىرى سۈرئەتتە ماڭدۇرۇپ بېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئايروپىلان كۆتۈرۈلۈش تېزلىكىگە تېخىمۇ تېز يېتىپ، تېزلىكتە كۆتۈرۈلىدۇ، بۇنىڭ قائىدىسى ئوقيا ئېتىشقا ئوخشىشىپ كېتىدۇ. پارلىق ئاتقۇچ بولغاچقا، ئايروپىلان كۆتۈرۈلۈشتە سۈرئەت تېزلىتىشكە ناھايىتى ئۇزۇن ئۇچۇش - قونۇش يولى بولمىسىمۇ بولىدۇ، بەزى ئوتتۇرا - كىچىك تىپتىكى ئاۋىئاماتكىلارنىڭ پالوبىسى قىسقىراق بولۇپ، پالۇبىنىڭ ئالدى تەرىپى سەك كۆتۈرۈلگەن <يانتۇ يول> قىلىپ لايىھىلەنگەن، بۇنداق بولغاندا، ئايروپىلاننىڭ كۆتۈرۈلۈپ ئۇچۇشىدا تېخىمۇ زور كۆتۈرۈلۈش كۈچى ھاسىل بولىدۇ.