ھامىلىدار ئاياللار يىراق شەرق تاشپاقىسىنى يېسە بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يىراق شەرق تاشپاقىسىدا ئېسىل، مول ھايۋانات ئاقسىلى بولغاندىن سىرت، يەنە يۇقىرى دەرىجىدىكى ئوزۇقلۇق قىممىتىگە ئىگە، تەمى ياخشى ھەم تاشپاقا قېپى داڭلىق دورا ماتېرىيالى. بىراق يىراق شەرق تاشپاقىسىنى ھەممىلا ئادەم يەۋەرسە بولمايدۇ، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللار. جۇڭيى تېبابەت نەزەرىيىسىدە، يىراق شەرق تاشپاقىسى قاننى ياخشىلاپ، راۋان قىلىش رولىغا ئىگە. ئىسسىق مىجەزلىك ئادەمگە ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۇزاق مۇددەت زەئىپلەشكەن، سوغۇقتىن قورقىدىغان، ھەزىم قىلىشى ناچار، ئىشتىھاسى ناچار كېسەللەر ئېھتىيات قىلىشى كېرەك. تال زەئىپ، سوغۇقى ئېشىپ كەتكەن، ھامىلىدار مەزگىلىدە ۋە تۇغۇتتىن كېيىن كۆپ ياندۇرىدىغان كىشىلەرگە ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى ئاشقازان بۇنى كۆتۈرەلمەيدۇ، بەزى كىشىلەردە بۇ خىل تاشپاقىنى يېگەندىن كېيىن، سەزگۈرچانلىقى ئېشىپ كېتىپ، تېرە قىچىشىش ۋە يەل تاشمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىرراقلىرىدا ئاشقازان قاناش، قورساق ئاغرىش، ياندۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل تاشپاقىنى يەپ يەنە ھاراق ئىچسە، تاشپاقىدىكى ئاقسىل پارچىلىنىپ، پۈتۈن بەدەن خاراكتېرلىك سەزگۈرچانلىق ئېشىپ كېتىپ، پۈتۈن بەدىنىگە ئەكس تەسىر قىلىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى، جىگەر قېتىش، جىگەر ياللۇغى قاتارلىقلار پەيدا بولۇشى، يەنە جىگەرنىڭ ھوشسىزلىنىشى كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ھەممىسى ھامىلىدار ئاياللار مۇۋاپىق مىقداردا يىراق شەرق تاشپاقىسىنى ئىستېمال قىلسا پايدىسى بارلىقىنى، بىراق ھەرگىز كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى، بىر قېتىمدا بەك كۆپ يەۋەتمەسلىكى، سېزىك مەزگىلىدە ئىستېمال قىلماسلىق، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.