سۆز قىلىشنى ئۆگىتىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاقىت قايسى ۋاقىتنى كۆرسىتىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان پسىخولوگىيە تەتقىقاتلىرىدا ئىسپاتلىنىشچە، مەلۇم بىر بەلگىلىك ياشقا كەلگەندە، بالىلارنىڭ خىلمۇخىل بىلىم ۋە ھەرىكەتلەرنى ئۆگىنىش تەجرىبىسى نىسبەتەن ئوڭاي بولىدىكەن. بۇ بىر ئاتالمىش ئەڭ ياخشى مەزگىل. بىر ياشتىن تۆت ياشقىچە بولغان ۋاقىت ئېغىز تىلىنى ئۆگىنىدىغان ئەڭ ياخشى مەزگىل. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ بالىلارنىڭ سۆز قىلىشنى ئۆگىنىشتىكى چوقۇم بېسىپ ئۆتىدىغان جەريان: تىل — چۈشىنىش — ئىپادىلەش. چوڭلارنىڭ تىل تاۋۇشلىرىنى دوراش بىر ئاز مۇرەككەپ جەريان بولۇپ، باشقا ھەرىكەتلەرگە ئوخشىمىغاچقا، چوڭلار قول ئارقىلىق ئۆگەتسە بولىدۇ. بالا كۆرۈش سېزىمى (ئېغىز شەكلىنى كۆرۈش)، ئاڭلاش سېزىمى (تەلەپپۇزغا دىققەت قىلىش) ۋە سۆز تۇيغۇسى (ئۆزىنىڭ ئاۋاز پەردىسى، كالپۇك، تىل) قاتارلىق تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىنىڭ ماسلىشىشى ئارقىلىق پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا، ئالتە ئاي ئەتراپىدا بالىلار <دادا، ئاپا> دېگەندەك تاۋۇشلارنى چىقىرالايدۇ. چۈنكى بۇ ئىككى سۆز ئوڭاي تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا - ئانا ئەڭ يېقىن ئادەم. تەلەپپۇزنى مەقسەتلىك دوراشنىڭ ھاجىتى يوق. تاۋۇشلارنى چىقىرىشنى ھەقىقىي مەشىق قىلدۇرۇشنى بىر ياش ئەتراپىدا باشلىسا بولىدۇ. بىر ياشتىن بىر يېرىم ياشقىچە بولغان بالىلارنىڭ بۇ مەزگىلى سۆزنىڭ مەنىسىنى ئەڭ تېز چۈشىنىدىغان مەزگىلى. <خوش> دېگەندە، ئىككى قولىنى كۆكرىكىگە ئېلىپ ئېڭىشىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سۆزلىيەلەيدىغان سۆز ئىنتايىن ئاز بولىدۇ. ئادەتتە ھەرىكەت ئارقىلىق دېمەكچى بولغان سۆزنى ئىپادىلەيدۇ. بىر يېرىم ياش سۆزنى ھەقىقىي ئىگىلەش، سۆزلەرنى ھەقىقىي قىلىشنى باشلاش ۋاقتى، بۇ ۋاقىتتا ئۇ مۇستەقىل ماڭالايدۇ. بالىلارنىڭ جانلىقلار تەرەققىياتىدا يېڭى بىر يۈرۈش بولىدىغان ۋاقتى. ئۇچرىشىدىغان نەرسىلەرمۇ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپىيىدۇ. چوڭلار بىلەنمۇ پات - پات تىل ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرىدۇ. سىرتقى دۇنيانىڭ كۆپ خىل مۇھىتى چوڭ مېڭىنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. فۇنكسىيىلەرنىڭ پارچىلىنىشى كۈندىن - كۈنگە پىشىپ يېتىلىدۇ. بۇنىڭدىن تىلغا بولغان چۈشىنىش ئىقتىدارى ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ. سۆز قىلىشنى ئۆگىنىشتىكى ئەڭ ياخشى ۋاقىتتىن ھالقىپ كەتسە، سۆزلەش بىر ئاز تەسكە توختايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئەمەلىي مىساللار ۋە ئىلمىي تەتقىقاتلاردا ئىسپاتلىنىشىچە، ئادەمنىڭ ئىقتىدارى ھەر قايسى ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات مەزگىلىگە ئىگە بولۇپ، ئېغىز تەرەققىياتى بىلەن ياشنىڭ چوڭىيىشى ئۆزئارا قارىمۇقارىشى بولىدىكەن. بارلىق ئىقتىدارلار ئەگەر تەرەققىي قىلىش مەزگىلىدە مەشىق قىلىشقا ئېرىشەلىسە، ناھايىتى ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.