داس سۆڭەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەن بوينىڭ ئېگىز - پاكارلىقىنىڭ مۇناسىۋىتىبارمۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بوينىڭ ئېگىزلىكى پۇتنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، بىراق داس سۆڭەكنىڭ چوڭ - كىچىك بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتسىز. بويى ئېگىز بولغانلارنىڭ داس سۆڭىكىنىڭ چوڭ بولۇشى ناتايىن، بۇنىڭ ئىچىدە داس سۆڭەك شەكىل ئامىلىمۇ بار. مەسىلەن، ئوغۇللارنىڭكىدەك داس سۆڭەك ۋارونكا شەكلىدە بولۇپ، سۆڭەك قاتتىق، دىئامېتىرى كىچىك، سۆڭەك بوشلۇقى چوڭقۇر بولسا، بوۋاق ئوڭۇشلۇق ئۆتەلمەيدۇ. بەزىبىر ئايال تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ بەدىنى، داس سۆڭىكى مۇشۇنداق. ئەكسىچە، بويى 60.1 مېتىرغا يەتمەيدىغان ئاياللارنىڭ سۆڭىكى تۇڭ شەكلىدە بولۇپ، سۆڭەك شالاڭ، دىئامېتىرى چوڭ، سۆڭەك بوشلۇقى تېيىز بولۇپ، بوۋاق ئوڭۇشلۇق تۇغۇلىدۇ. شۇڭا، بويى پاكار، بىراق داس سۆڭىكى چوڭ ئاياللار تۇغۇتنىڭ تەس بولۇشىدىن ئەنسىرەپ كەتمىسىمۇ بولىدۇ. بالا تۇغۇش بىلەن داس سۆڭەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلى مۇناسىۋەتلىك بولغاندىن باشقا، يەنە بالىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر، بوۋاق چوڭ بولسا، داس سۆڭەك نورمال بولغان ھالەتتىمۇ، تۇغۇت قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. ئەكسىچە، بالا كىچىك بولۇپ، داس سۆڭەكمۇ كىچىك بولسا، تۇغۇت يەنە قىيىنلىشىپ كېتىدۇ. داس سۆڭەكنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى ۋە شەكلىنى، تۇغۇتتىن بۇرۇن تەكشۈرتۈپ، داس سۆڭەككە قارىتا دەسلەپكى قەدەمدىكى پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.