مېڭە پارالىچ كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان خەتەرلىك ئامىللار قايسى؟
نېمە ئۈچۈن
مېڭە پارالىچ كېسىلىنى پەيدا قىلىدىغان، دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەر تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرگە بۆلۈنىدۇ:
1. تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنقى ئامىل. يېشى چوڭىيىپ كەتكەن ئاياللارنىڭ تۇنجى تۇغۇتى، قايتا - قايتا بويىدىن ئاجراش، بالدۇر تۇغۇلۇش ياكى تۇغۇت جەريانىدا ھامىلە ئۆلۈپ قېلىش، تۆت قېتىمدىن يۇقىرى ھامىلىدار بولغان تەجرىبىلىك تۇغۇتلۇق ئايال، ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى ئۇنىۋېرسال يۇقىرى قان بېسىمى، قەنت سىيىش كېسىلى، روھىي كېسەل ۋە قورساقنىڭ ئىچ تەرىپى زەخىملەنگەن ياكى رادىئو ئاكتىپلىق نۇرغا ئۇچراش قاتارلىقلارنى شۇنداقلا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە يۇقۇملىنىش، ھامىلىدە قان ئاز بولۇش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ۋە يېتىلىشى غەيرىي بولۇش قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
2. تۇغۇلغان مەزگىلدىكى ئامىل. بالىياتقۇ ئالدىغا بولۇپ قېلىش، بالىياتقۇنى قىرىش، بالا تەتۈر تۇغۇلۇش قاتارلىقلار. باش سۈيى ياكى ھامىلە تەرىتىنى سۈمۈرۈش، كىندىك بويۇننى يۆگەپ قېلىش، باش سۆڭىكى ئىچىدىن قان چىقىش، ئوكسىگېن كەم بولۇش ھەم بالدۇر تۇغۇلۇش، كېيىن تۇغۇلۇش ياكى تۆت كىلوگرامدىن ئارتۇق تۇغۇلۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
3. تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ئامىل. تۇغۇلغاندىن كېيىن كۈچسىز ئېمىش، ئېمىتىشتە قىينىلىش، پات - پات سۈتنى ياندۇرۇۋېتىش، پۇت - قوللىرى تارتىشىش، سېرىقلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ، ئېغىر يۇقۇملىنىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېڭە پارالىچ كېسىلىنىڭ يەنە ئىرسىيەت بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا، ئەگەر ئۆيدىكىلەر ئارىسىدا پارالىچ كېسىلى، ئەقلىي ئىقتىدارى تۆۋەن ياكى تۇغما غەيرىي تۇغۇلۇش ئالامىتى بارلار بولسا، تەكشۈرتۈپ بېقىش كېرەك