UyghurWiki
UyghurWikiنەمەغەيرىي ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلى بىلەن ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

غەيرىي ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلى بىلەن ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلىنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟

نېمە ئۈچۈن ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلىغا ئوخشاش غەيرىي ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلىمۇ ئىنسانلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىدىكى پسىخىكا پائالىيىتى. ئۇ ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلىغا قارىتا مۇھىم ئىلگىرى سۈرۈش رولىغا ئىگە بولۇپ، <يوشۇرۇن> ئەقلىي قابىلىيەتتىن ئىبارەت. ياخشى بولغان غەيرىي ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلى بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتنىڭ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ماتېرىيال. بولمىسا ئەقىل بۆلۈنمىسى يۇقىرى بولسىمۇ ياخشى ماتېرىيال بولالمايدۇ. ئۇ ئادەمنىڭ ئەقلىدىكى يۇشۇرۇن ئىقتىدارىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ئېرىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. تەمسىللەردە <تىرىشچانلىق بىلەن سەۋىيە جەھەتتىكى يېتىشسىزلىكنى تۈگىتىش> دېگىنى دەل مۇشۇ مەنىنى كۆرسىتىدۇ. غەيرىي ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلىنىڭ يېتىلىشىنىڭ ياخشى بولماسلىقى بالىلارنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىدا توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ. غەيرىي ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلىدىن ئايرىلىپ تۇرۇپ، بىر تەرەپلىمىلىك بىلەن ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلىنى كۈچەپ تەكىتلەش بالىدا پسىخىك توسالغۇ پەيدا قىلىپلا قالماي، بەلكى يەنە يوشۇرۇن بالا - قازا ئىچىگە سۆرەپ كېتىدۇ. بۇ بالىنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە جىسمانىي، روھىي جەھەتتە ساغلام تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز. ئەقلىي قابىلىيەت ۋە غەيرىي قابىلىيەت ئامىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش مۇتلەق ھالدا تەڭپۇڭ بولمايدۇ. ئوخشاش ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسىگە ئىگە ئادەمنىڭ غەيرىي ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلى ئوخشاش بولمايدۇ. بۇ خۇددى ئۆگىنىش بىلەن نەتىجىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدەكلا ئىش. ئەگەر ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى بولغان بىر بالىنىڭ غەيرىي ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلى ناچار بولسا نەتىجىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەكسىچە، ئەقلىي قابىلىيەت سەۋىيىسى ئوتتۇرا ھال بالىنىڭ غەيرىي ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلى نىسبەتەن ياخشى تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بولسا، نەتىجىگە ئېرىشەلىشى مۇمكىن. ئومۇملاشتۇرغاندا، ئەقلىي قابىلىيەت ئامىلى بىلەن غەيرىي ئەقلىي - قابىلىيەتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپ بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇش — بولماسلىقىغا باغلىق. ئۇلار ئۆزئارا رول ئوينايدۇ. بىردىنبىر ئەقلىي قابىلىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق بالىنى ياراملىق ئادەم قىلىپ يېتىلدۈرگىلى بولىدىغان ياخشى ئۇسۇل ئەمەس.<
← بارلىق تېمىلار نەمە