UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىغا رېزىنكە ئېمىزگۈنى ئېمىتىش كېرەكمۇ - يوق؟

بالىغا رېزىنكە ئېمىزگۈنى ئېمىتىش كېرەكمۇ - يوق؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان ئانىلاردا بالىلارغا رېزىنكە ئېمىزگۈ ئېمىتىش كۆز قارىشى بار، مەسىلەن: سۈت يېتىشمەي، سۈت پاراشوكى قوشۇش دېگەندەك ياكى بالا دائىم ئانىسىنىڭ ئەمچەك توپچىسىنى شوراپ ئۇخلىغاچقا، ئاۋارىچىلىقتىن قېچىپ، بالىسىغا ئەمچەك توپچىسىنىڭ ئورنىدا رېزىنكە ئېمىزگىنى ئېمىتىپ ئۇخلىتىپ قويىدۇ ياكى بالا دائىم يىغلىسا، ئۇنى پەس قىلالماي، كىچىك بىر رېزىنكە ئېمىزگۈ بىلەن گوللىماقچى بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى خاتالىق، ئېمىش بولسا بالىدا تۇغما شەكىللىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان بالىلار ھەتتا ئاپىسىنىڭ قورسىقىدىكى چېغىدىلا ئۆزىنىڭ بارمىقىنى شورايدۇ، ئەمەلىيەتتە كۆپلىگەن ۋاقىتتا بالا ئېمىش ئارقىلىق بىرخىل خاتىرجەملىك تۇيغۇسى ئىزدەيدۇ، مانا بۇ ئېمىزگىنىڭ رولى. بىراق، ھەرقانداق ئېمىزگۈ ئانىنىڭ ئەمچەك توپچىسىدەك بالىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ، بالىلار دائىم ئېمىۋاتقان ۋاقىتتا ئىختىيارسىزلا ئۇيقۇغا كېتىپ، چىرايىدا كىشىنىڭ مەستلىكىنى كەلتۈرىدىغان ئازادىلىك ۋە قانائەتلىنىش پەيدا بولىدۇ. ئەگەر بالا راستىنلا سىزنىڭ ئەمچەك توپچىڭىزنى ئاغرىتىۋەتسە، بالىغا ئۆزىنىڭ قولىنى شورىتىپ قويۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز ياكى بالىلارغا تەسەللىي بېرىدىغان باشقا ئۇسۇلنى تېپىش كېرەك. يەنى بالىنى كۆتۈرۈپ، ئۆي ئىچىدە ئۇياقتىن - بۇياققا مېڭىش. ئازادە، راھەت كارىۋاتقا ياتقۇزۇپ، ئىللىق قۇياش نۇرىدىن بەھىر ئالغۇزۇپ، يېنىك شاپىلاقلاپ، ئاستا - ئاستا ئۇخلىتىش كېرەك. بالىغا قىلغان ھەربىر ھەرىكىتىڭىز سىزنىڭ ئۇلۇغ ئانىلىق مېھىر - مۇھەببىتىڭىز، بالىڭىزنىڭ رېزىنكە ئېمىزگۈدىن قانائەتلىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىڭىز كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
بالىغا رېزىنكە ئېمىزگۈنى ئېمىتىش كېرەكمۇ - يوق؟ | UyghurWiki | UyghurWiki