UyghurWiki
UyghurWikiنەمەكۆكيۆتەلنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟

كۆكيۆتەلنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن كۆكيۆتەلنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ئالدى بىلەن يۇقۇش مەنبەسىنى كونترول قىلىش، كېسەللەنگۈچىنى ئۆز ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئايرىۋېتىش، قويۇق ئۇچرىشىپ تۇرغۇچىلارغا نىسبەتەن 21 كۈن تېببىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، ئاسان يۇقۇملانغۇچى كىشىلەر توپىنى قوغداش كېرەك. كىشىلەر توپى بۇ كېسەلگە نىسبەتەن ئومۇميۈزلۈك ئاسان يۇقۇملىنىدىغان بولغانلىقتىن بۇ تەرەپ روشەن ھالدا ئىنتايىن مۇھىم، ئاساسلىقى تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئۇسۇل بار: 1. ئاكتىپ ئىممۇنىتېت ئۈچ بىرلەشمە ۋاكسىنىنى (كۆكيۆتەل باكتېرىيىنى، بوغما توكسوئىدى، تېتانۇس توكسوئىدى) ئەملەش جۇڭگو پىلانلىق ئىممۇنىتېتىنىڭ بىرى، تۇغۇلۇپ ئۈچ، تۆت، بەش ئايلىقىدا ھەر ئايدا بىر قېتىم ئەملەپ 5.1 ياشتىن ئىككى ياشقىچە يەنە بىر قېتىم كۈچەيتكەندە ئالدىن ئېلىش ئۈنۈمى تەخمىنەن 90% كە يېتىدۇ. 2. دورا بىلەن ئالدىنى ئېلىش، كېسەللەنگۈچى بىلەن قويۇق ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان ئائىلە ئەزالىرى بولۇپمۇ ئۆسمۈرلەر دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئېرىترومىتسىن ئىچىشى كېرەك
← بارلىق تېمىلار نەمە
كۆكيۆتەلنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟ | UyghurWiki | UyghurWiki