ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
نۇرغۇنلىغان ئاياللار ئانا سۈتى بىلەن بالا باققاندا ھامىلىدارلىقتىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىشىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ھامىلىدار ئاياللار كۆزى يورۇغاندىن كېيىن مېڭە ئاستى بېزى نۇرغۇنلىغان غىدىقلىغۇچى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىپ، ئەمچەككە سۈت تولۇشنى تېزلىتىدۇ. بەدەندە غىدىقلىغۇچى ھورمۇنلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تۇخۇمداننىڭ جىنسىي ھورمۇنغا بولغان ئىنكاسى ناچارلىشىپ، فوللىكۇل يېتىلىشتىن توختاپ قالىدۇ ھەم تۇخۇم ئاجراتماي ھەيزمۇ توختاپ قالىدۇ. ئانا تۇغقاندىن كېيىن بالا ئېمىتىدۇ، بالا دائىم ئەمچەك توپچىسىنى شورىغاچقا، مېڭە ئاستى بېزىنىڭ غىدىقلىغۇچى ھورمۇنلارنى ئاجرىتىشىنى تېزلىتىپ، تۇخۇمداندىن تۇخۇم چىقىشنى كونترول قىلىدۇ ھەم ۋاقتىنى ئۇزارتىدۇ. بەزى ئاياللار بىر يىل ياكى بىر يىلدىن كۆپرەك مۇشۇنداق بولىدۇ، چەت ئەللەردىكى بىرخىل تەتقىقات ماتېرىيالىنىڭ ئىسپاتلىشىچە، تۇغۇپ ئالتە ئاي ئىچىدە پۈتۈنلەي ئانا سۈتى بىلەن بالا بېقىشقا ئادەتلەنسە ھەيز ئەسلىگە كەلمىگەن ئانىنىڭ ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش نىسبىتى 84% تىن يۇقىرى بولىدۇ.