UyghurWiki
UyghurWikiنەمەئەقلىي قابىلىيەتمۇ ئىرسىي خاراكتېرلىك بولامدۇ؟

ئەقلىي قابىلىيەتمۇ ئىرسىي خاراكتېرلىك بولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ھۈجەيرە يادرولىرى ئىچىدە ئىككى خىل ماددا بولىدۇ، بىرخىلى ئوكسىدسىزلانغان رىبو يادرو كىسلاتاسى بولۇپ، قىسقارتىلىپ DNA دېيىلىدۇ. يەنە بىرخىلى رىبو يادرو كىسلاتاسى بولۇپ، قىسقارتىلىپ RNA دېيىلىدۇ. DNA بولسا كۆپ مىقداردىكى <ئىرسىي مەخپىي نومۇرى> نىڭ بەدەنگە توپلىنىشى بولۇپ، بىرقانچە مەخپىي نومۇر بىر گېننى تەشكىل قىلىدۇ، بىر گېن بىرخىل ئىرسىيە ئۇچۇرىنى بىلدۈرىدۇ. نۇرغۇنلىغان گېنلار بىر DNA مۇلىكۇلىلىرىنى تەشكىل قىلىدۇ. شۇڭا، DNA بولسا ئەمەلىيەتتە ئىرسىي ئۇچۇرىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇرۇق ۋە تۇخۇمنىڭ بىرىكىشى تۈپەيلىدىن ئۇرۇقلانغاندا، دادىدىكى يېرىم DNA، ئانىدىكى يېرىم DNA ئاتا - ئانىدىكى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ ئىككىسى بىرلەشكەندىن كېيىن بىر يېڭى ھاياتلىق پەيدا بولىدۇ، بۇ يېڭى ھاياتلىق ئاتا - ئانىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ساپا جەھەتتىكى خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاتا - ئانىسىنىڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلغان، تەپەككۇرى ئۆتكۈر بولسا، يەنى بىر خىل ئىرسىي ئۇچۇر بولسا، كۆپىيىش ھۈجەيرىلىرىدىكى DNA غا تەسىر قىلىپ، كېيىنكى ئەۋلادقا قالىدۇ. شۇڭا ئىرسىيەت ئارقىلىق ئەقلىي ساپاغا ھۆكۈم قىلىشقا بولىدۇ، گېن تەتقىقات قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلاپ قانات يايدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، گېن، ئىرسىيەت ۋە ئەقلىي قابىلىيەت توغرىسىدىكى سىرلار تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئېچىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار نەمە