UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار نېمىشقا مېۋىلەرنى ئارتۇق ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ؟

بالىلار نېمىشقا مېۋىلەرنى ئارتۇق ئىستېمال قىلسا بولمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن مېۋىلەردە گەرچە ئوزۇقلۇق مول بولسىمۇ، بىراق كۆپ ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بالىلارنىڭ ئاشقازان، ئۈچەي ئىقتىدارى بىر ئاز ئاجىز بولۇپ، مېۋىلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ھەزىم قىلىش ئەزالىرىنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، ھەزىم قىلىشى توسالغۇغا ئۇچراش ۋە ھەزىم قىلىش فۇنكسىيىسى قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، مېۋىلەردىكى شېكەر بۆرەك تەرىپىدىن ئاجرىتىلغاچقا، بۆرەكنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئېغىر بولغاندا، پاتولوگىيىلىك ئۆزگىرىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مېۋىلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مەسىلەن: شاپتۇلنى ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا قىزىش، قورساق كۆپۈش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نەشپۈتنى ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا، ئادەمنىڭ مىجەزىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئىچى سۈرۈشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەبنۇسنى ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا، چوڭ تەرەت قۇرغاقلىشىپ كېتىدۇ. لىجىنى ئارتۇق ئىستېمال قىلغاندا، پۇت - قول مۇزلاپ، ماغدۇرسىزلىنىش، كۆپ تەرلەش، قورساق ئاغرىش ۋە ئىچى سۈرۈشنى، بەزىدە مېۋىلەردىن زەھەرلىنىپ، شوك بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، بالىلارغا مېۋە بەرگەندە مۇۋاپىق مىقداردا، پەسىلگە ئاساسەن بېرىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە