يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ قۇلىقىنى كولاشقا بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سىرتقى قۇلاق يولى تېرىسى ئىنتايىن يۇمران، تېرە ئاستى توقۇلمىلىرى ئاز، قان تومۇرلىرى كۆپ بولۇپ، قۇلاق كولىغاندا سەللا دىققەت قىلمىسا سىرتقى قۇلاق يولىنى زەخىملەندۈرۈپ ھەم ئىككىلەمچى يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، سىرتقى قۇلاق ياللۇغى، يىرىڭداش، ھەتتا سىرتقى قۇلاق يولىدا چىيقان شەكىللىنىشكە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ناغرا پەردىسى بىر قەۋەت ئىنتايىن نېپىز پەردە، قېلىنلىقى پەقەتلا 1.0 مىللىمېتىر بولۇپ، قۇلاق كولىغاندا سەللا دىققەت قىلمىسا ناغرا پەردە ياكى ئاڭلاش كىچىك سۆڭىكىنى زەخىملەندۈرۈپ بوۋاقنىڭ ئاڭلاش ئىقتىدارىغا زىيان يېتىدۇ. شۇڭا ئادەتتىكى ئەھۋالدا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ قۇلىقىنى كولىماسلىق. ئەگەر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ سىرتقى قۇلاق يولىغا بەك كۆپ كىر يىغىلىپ قالغان بولسا، كەسپىي خادىملارغا كۆرسىتىش كېرەك.