UyghurWiki
UyghurWikiنەمەنېمە ئۈچۈن لامپۇچكىنى ئۇزۇن ئىشلەتسە قارىداپ قالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن لامپۇچكىنى ئۇزۇن ئىشلەتسە قارىداپ قالىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن چىراغ ھەر بىر ئائىلىدە كەم بولسا بولمايدىغان يورۇتۇش ئەسۋابى. يېڭى لامپۇچكا يورۇق، سۈزۈك بولىدۇ، ئەمما، بىر مەزگىل ئىشلەتكەندىن كېيىن لامپۇچكىنىڭ ئىچى قارىداپ قېلىپ، يورۇقلۇققا تەسىر يېتىدۇ. بۇ نېمە ئۈچۈن؟ ئەسلىدە بۇ لامپۇچكىنڭ ئىچىدىكى قىل قالدۇرغان <ئىز>. لامپۇچكىنىڭ ئىچىدىكى قىل مېتال ۋولفرامدىن ياسىلىدۇ. ۋولفرامنىڭ ئېرىش نۇقتىسى 3380 سېلسىيە گرادۇسقا، قايناش نۇقتىسى 5927 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ تەستە ئېرىيدىغان، ئەڭ تەستە پارغا ئايلىنىدىغان مېتال ھېسابلىنىدۇ. ۋولفرام قىلىنىڭ ئېرىش نۇقتىسى ۋە قايناش نۇقتىسى ناھايىتى يۇقىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ سىرتقى قىسمى بەلگىلىك يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا ئوڭايلا پارغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. ۋولفرام قىلى يانغاندا ئۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى 2000 سېلسىيە گرادۇسقا يېتىدۇ، بۇ چاغدا ۋولفرام قىلىنىڭ سىرتىدا ئىنچىكە مېتال ۋولفرام زەررىچە پەيدا بولىدۇ - دە، تېمپېراتۇرىسى نىسبەتەن تۆۋەن ئەينەكلىك لامپۇچكىغا يولۇققاندىن كېيىن، قېتىشىپ ئەينەككە يېپىشىۋالىدۇ. كۈن ئۇزارغانسېرى سۈزۈك لامپۇچكا قارىداپ قالىدۇ. وۋلفرام قىلى بارغانسېرى ئىنچىكىلەيدۇ. ئاخىرىدا ئېرىپ ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ، لامپۇچكىمۇ يانمايدۇ. ۋولفرام قىلىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش ئۈچۈن ئاۋۋال لامپۇچكىنى ۋاكۇئۇملاشتۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئازوت گازى ۋە ئىنېرتلىق گاز قاچىلاپ، ئاندىن ۋولفرام قىلىنى قورشاپ، ۋولفرام قىلىنىڭ سىرتىنىڭ پارغا ئايلىنىشىنى ئازايتىش لازىم. بۇنىڭدىن باشقا، ئىسسىق ھاۋا ئۆتۈشكەندە تۆۋەندىن يۇقىرىغا ھەرىكەت قىلىش قانۇنىيىتىگە ئاساسەن، ئالىملار لامپۇچكىنىڭ سىرتقى شەكلىنى نەشپۈت شەكىللىك قىلىپ لايىھىلىگەن. بۇنداق بولغاندا قارا ۋولفرام قىلى زەررىچىلىرى ئۈستىگە تارقىلىپ، لامپۇچكىنىڭ بوينىغا يىغىلىدۇ، تۆت تەرەپ ۋە تۆۋەن قىسمىغان بولغان تەسىرى ئازىيىدۇ، لامپۇچكا ئەينىكى سۈزۈك تۇرىدۇ، لامپۇچكىنىڭ يورۇقلۇق دەرىجىسى تەسىرگە ئاز ئۇچرايدۇ
← بارلىق تېمىلار نەمە