بالىلارنىڭ قارار قىلىش ھوقۇقى بولامدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
بالىلار ئىككى - ئۈچ ياشقا كىرگەندە چوڭلاردىن ئايرىلىپ يالغۇز ھەرىكەت قىلالايدۇ، پائالىيەت دائىرىسىمۇ بارغانسېرى چوڭىيىدۇ. مۇستەقىللىق خاراكتېرى ۋە ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ئېڭىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىدۇ، بالىلاردا ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ئېڭى پەيدا بولغاندا، ئاتا - ئانىنىڭ گېپىنى بەك ئاڭلاپ كەتمەيدۇ. بەزى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كۆزقارىشى ۋە ئويلىغانلىرى پەيدا بولغاندا، ئۆزلىرى قارار قىلىشنى تەلەپ قىلىشىدۇ. ئەگەر ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ بۇخىل تەلىپىگە پەرۋاسىز قاراپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشى بويىچە قارار چىقارسا، بالىنىڭ ئۆز - ئۆزىگە خوجا بولۇش ئېڭى بېسىمغا ئۇچراپ، ئۆز - ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسىمۇ زەربىگە ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن بالىنىڭ كۆڭلىدە پاسسىپ ھالەتتىكى ئۆز - ئۆزىنى باھالاش پەيدا بولۇپ، بالىنىڭ ئەقلى تەپەككۇرىغا پايدىسىز ئامىللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق بولۇۋەرسە، بالا چوڭ بولغاندىن كېيىنمۇ ئۆز - ئۆزىگە ئىشىنىش ۋە قارار قىلىش جەھەتتە مۇستەقىل بولالمايدىغان، تەشەببۇسكار بولالمايدىغان پاسسىپ ھالەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا ئاتا - ئانىلار بالىلارغا مۇۋاپىق ھالەتتىكى ئۆزلىرى قارار چىقىرىش ھوقۇقىنى بەرسە، بالىدا ئۆزىنى ئىقتىدارلىق ھەم ئاتا - ئانام مېنى بەك ياخشى كۆرىدۇ دەپ قارايدىغان تۇيغۇ شەكىللىنىدۇ، بۇ بالىنىڭ پسىخىكا ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق.