يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى جاۋىغاي ياللۇغى دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى جاۋىغاي ياللۇغى سۈت قېتى دەپمۇ ئاتىلىپ، ئاق رەڭلىك تەسۋىسىمان زەمبۇرۇغ يۇقۇملاندۇرغاندىن كېيىن كېلىپ چىققان ئېغىز ياللۇغى بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا نىسبەتەن كۆپ كۆرۈلىدۇ. دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبى بۇلغانغان سۈت ئېمىتىش ئەسۋابلىرى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەزىبىر يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار تۇغۇلغاندا تۇغۇت يولى ئارقىلىق يۇقۇملىنىدۇ. جاۋىغاي ياللۇغىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىسى — قوۋۇز شىللىق پەردىسى، تىل، چىش مىلىكى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئېغىز بوشلۇقى شىللىق پەردىسىدە ئاق رەڭلىك سۈتنىڭ ئۇيۇغان پارچىسىدە نەرسىلەرنى كۆرۈشكە بولىدۇ. باشلانغاندا چېكىتسىمان ياكى كىچىك پارچىسىمان بولۇپ، بەزىدە ئۆزئارا بىرىكىپ چوڭ پارچىغا ئايلىنىدۇ، سۈرتۈشكە بولمايدۇ. كېسەللەنگەن ئورۇن ئاغرىمايدۇ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلاردا بىئاراملىق، شالۋاق ئېقىش، قىزىش قاتارلىق ئىپادىلەر بولمايدۇ، ئادەتتە سۈت ئېمىشىگە تەسىر قىلمايدۇ، گاھىدا قىزىلئۆڭگەچ، ئۈچەي يولى، كېكىردەك، كاناي، ئۆپكىلەرگە يىغىلىپ، قۇسۇش، يۇتۇش قىيىنلىشىش، ئاۋازى پۈتۈش ياكى نەپەس قىيىنلىشىش قاتارلىق ئىپادىلەر كۆرۈلىدۇ. داۋالاشتا 2% لىك ناترىي ھىدروكاربونات ئېرىتمىسى بىلەن سۈت ئېمتىشتىن بۇرۇن ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىزلاش، شۇنداقلا سۈت ئېمىتىش ئەسۋابلىرىنىڭ دېزىنفېكسىيىلىنىشىنى كۈچەيتىش؛ كېسەللىك ئۆزگىرىشى كەڭ دائىرىلىك بولغۇچىلار مىكوستاتىندىن قېتىم، / 10 مىڭ بىرلىك بىر مىللىلىتېردىن ئىككى مىللىلىتېرغىچە سۇ ئارىلاشتۇرۇپ، كېسەللەنگەن ئورۇنغا ھەر كۈنى ئۈچ قېتىمدىن تۆت قېتىمغىچە سۈرسە بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈنەرلىك ياخشىلانمىسا دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈپ، كېسەللىك ئەھۋالى ئېغىرلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.