UyghurWiki
UyghurWikiنەمەجىنسىي تۇرمۇشنىڭ ھامىلىدار ئايالغا تەسىرىبولامدۇ؟

جىنسىي تۇرمۇشنىڭ ھامىلىدار ئايالغا تەسىرىبولامدۇ؟

نېمە ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلاردا ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە جىنسىي تۇرمۇشنى ئازلىتىش كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن، بىراق جىنسىي تۇرمۇشنىڭ سۈپىتى كۆپىنچە ھاللاردا تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە <خۇشاللىقتىن قورقۇش> يەنى داس سۆڭەك بوشلۇقىغا قان تولۇش، ئەمچەك ئاغرىش، بويىدىن ئاجراشتىن ئەنسىرەش قاتارلىق سەۋەبلەر بولىدۇ، شۇڭا ئومۇملاشتۇرغاندا، جىنسىي ئالاقە قېتىم سانى 1/3 ئەتراپىدا (يەنى بۇرۇنقى ئۈچ قېتىمدىن بىر قېتىمغا چۈشۈرۈش) بولۇشى كېرەك. ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە <خۇشاللىقتىن قورقۇش> ھادىسىلىرى يوقالغاچقا، ھامىلىنىڭ ئەھۋالىمۇ نىسبەتەن تۇراقلىشىدۇ. كەيپىياتىمۇ ئاستا - ئاستا تۇراقلىشىدۇ، شۇنداقلا جىنسىي يولدىكى تومۇرلاردا قان تولۇش ھادىسىلىرى كۆرۈلگەچكە، جىنسىي جەھەتتە يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدۇ. شۇڭا جىنسىي ئالاقە قېتىم سانىنى ھامىلىدارلىقنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىن كۆپەيتسە بولىدۇ. ئومۇملاشتۇرغاندا، جىنسىي ئالاقە قېتىم سانى ھامىلىدار بولمىغان مەزگىلدىكى سانىنىڭ 1/4 بولسا بولىدۇ (يەنى ھامىلىدار بولمىغاندىكى جىنسىي ئالاقە تۆت قېتىم بولسا، ھامىلىدارلىقنىڭ ئوتتۇرا مەزگىلىدە بۇرۇنقى تۆت قېتىمنى بىر قېتىمغا چۈشۈرسە بولىدۇ). 28 ھەپتە بولغاندىن كېيىن، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ قورسىقى بارغانسېرى يوغىنايدۇ، جىنسىي ئالاقىدە بالىياتقۇ بوينى تارىيىپ كەتكەچكە، ئانچە ھۇزۇر ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا جىنسىي ئالاقىنى 60% ئەتراپىدا ئازلىتىش، 30% ئەر - ئاياللار بۇ مەزگىلدە جىنسىي تۇرمۇش ئېلىپ بارسا بولمايدۇ. بەزىبىر بولغۇسى ئانىلاردا ئەگەر قان كېلىش، ئادەت خاراكتېرلىك بويىدىن ئاجراش، ئالدىغا ئورۇنلاشقان بالىياتقۇ، بالدۇر تۇغۇش ياكى مۇددەتتىن بۇرۇن تۇغۇش ھادىسىلىرى كۆرۈلۈپ داۋالىنىۋاتقان بولسا، چوقۇم دىققەت قىلىپ، جىنسىي تۇرمۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە