UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبوۋاقلاردا <خەرىتسىمان تىل> كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

بوۋاقلاردا <خەرىتسىمان تىل> كۆرۈلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟

نېمە ئۈچۈن خەرىتىسمان تىل، تىلنىڭ يۈزىدىكى گەزنىڭ قېلىن - نېپىزلىقى ئوخشاش ئەمەس، قىزىل ئاق ئارىلاش بولۇپ، شەكلى خەرىتىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. خەرىتىسىمان تىل كۆرۈلگەن بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسى بەدىنى ئاجىزراق بولۇشى ياكى چارچاش، ھەزىم ياخشى بولماسلىق، سىنك ياكى B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلارنىڭ يېتىمەسلىكى قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خەرىتىسىمان تىل ئادەتتە ئىككى - ئۈچ ئايلىق بولغاندىلا كۆرۈلىدۇ. كۆپ ساندىكى بوۋاقلارنىڭ روھىي كەيپىياتى، ئىشتىھاسى نورمال، كۆرۈنەرلىك بولغان بىئاراملىق كۆرۈلمەيدۇ. خەرىتىسىمان تىل ئۇزۇن بولسا بىر قانچە يىلغىچە داۋاملىشىپ، يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تەبىئىي يوقاپ كېتىدۇ. ئەگەر بوۋاقتا روھىي چۈشكۈنلىشىش، ئىشتىھاسى ناچار بولۇش، چېچى شالاڭ سېرىق بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە، سىنك يېتىشمەسلىك ئېھتىماللىقى بولۇپ، دىققەت قىلىش ھەم دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش كېرەك. بالىدا خەرىتىسمان تىل كۆرۈلگەندىن كېيىن ئېغىزنىڭ تازىلىقىغا بەك ئەھمىيەت بېرىش، تاماقنىڭ ئالدى - كەينىدە ئېغىز چايقىتىش؛ كەچتە ئۇخلاشتىن ئىلگىرى سۇس تۇز سۈيىدە ئېغىز چايقىتىش؛ يېڭى كۆكتات، مېۋە - چىۋە ھەم ئاقسىل ماددىسى كۆپ بولغان بېلىق، گۆش، تۇخۇم، پۇرچاق قاتارلىقلارنى كۆپرەك يېگۈزۈش؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، قورۇغان، ئىسسىتقان، مايلىق، ئاچچىق، توڭلىتىلغان يېمەكلىكلەردىن پەرھىز تۇتۇش؛ ئۇششاق - چۈششەك يېمەكلىكلەرنى ئاز بېرىش، B گۇرۇپپىدىكى ۋىتامىنلار مۇۋاپىق تولۇقلاش؛ زۆرۈر تېپىلغاندا سىنك تولۇقلاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە