ئايلىق بولغان بوۋاقلار نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ئايغا توشقان بالىلار نەرسىلەرنى تۇتۇپ ماڭالايدۇ. قولىنى يېتىلەپ تۇرۇپ ماڭغۇزغاندا ماڭالايدۇ، مۇستەقىل ھالدا ئۆرە تۇرالايدۇ، زوڭزىيالايدۇ، بېلىنى ئېگەلەيدۇ. نەرسە يېگەندە كىچىك قوشۇقنى تۇتۇپ ئاغزىغا ئاپىرالايدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا توپ تاشلاپ بەرسىڭىز، ئۇ توپنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ ۋە تاشلىيالايدۇ (گەرچە ئۇسۇلى توغرا بولمىسىمۇ) ئۇلار قەلەم بىلەن قالايمىقان سىزىشقا ئامراق بولىدۇ، كۆپلىگەن بالىلار بۇ چاغدا گەپ قىلالمايدۇ. بىراق تىلغا بولغان چۈشىنىش ئىقتىدارى ئاللىقاچان كۈچەيگەن بولۇپ، بەزى بالىلار چوڭلارنىڭ سۆزىنى دورايدۇ. بىراق پەقەت، بىر - ئىككى سۆزنىلا دېيەلەيدۇ. مەسىلەن: <دادا، ئاپا> دېگەندەك سۆزلەرنى قىلالايدۇ. 12 ئايلىق بولغاندا ماڭالايدۇ. بەزى بالىلار ئۆزى مۇستەقىل ھالدا بىر قانچە قەدەم ماڭالايدۇ. بىراق پۇختا ماڭالمايدۇ. ئۇلار ئويۇنچۇق ساندۇقىدىن ئويۇنچۇقنى ئالالايدۇ ۋە سالالايدۇ، نەرسىلەرنى قالايمىقان تاشلاشقا ئامراق بولىدۇ، كىيىمىنى كىيدۈرگەندە ماسلىشىپ بېرىدۇ. ئۇلار ئاڭلىق ھالدا <دادا، ئاپا> دەپ چاقىرىيالايدۇ. ئاددىي ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ياكى قول ئىپادىسى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ تەلىپىنى ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ. تىل جەھەتتە تەرەققىي قىلغان بالىلار بىر قانچە سۆزنى قىلالايدۇ. چوڭلارنىڭ ئۇلارغا قويغان تەلىپىنى <رەت قىلىشقا> ئامراق كېلىدۇ.