تىۋىت ئېلىش ئوپېراتسىيىسى< دېگەن نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
بالا ھەمراھى نۇرغۇنلىغان كىچىك تىۋىتلاردىن تەركىب تاپقان، تىۋىت ئېلىش ئوپېراتسىيىسى ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 سانتىمېتىر، ئىچكى قىسمىنىڭ دىئامېتىرى 5.1 مىللىمېتىر بولغان مېتال بولۇپ، بالىياتقۇ بوينىدىن كىرگۈزۈلۈپ بالىياتقۇغا قاراپ سوزۇلغان كىچىك بىر پارچە بالا ھەمراھى توقۇلمىسىنى تارتىپ چىقىدىغان كىچىك ئوپېراتسىيە. تارتىپ چىققان قىسمىنى كۆپەيتىش سۇيۇقلۇقىدا كۆزەتكەندە، شەكلى تىۋىتقا ئوخشايدۇ. ئادەتتە 40 مىللىگرام ئەتراپىدا ئېلىنىدۇ، بۇ خىل كۆزىتىش چوقۇم ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى بىلەن قوزغىتىش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر بالا ھەمراھىنىڭ ئورنى ھامىلىدار ئايالنىڭ ئالدى تەرىپىگە بىر ئاز يېقىن بولسا، قورساق قىسمىنى تېشىپ، بالىياتقۇ بوينىدىكى گۆش ئارقىلىق بالا ھەمراھىنىڭ بىر قىسمىنى ئېلىۋەتكىلى بولىدۇ. بالا ھەمراھى ئىچىدىكى تىۋىتلار تۆرەلمىدىكى ھۈجەيرىلەرنىڭ پارچىلىنىشىدىن پەيدا بولغان، تىۋىتلارنى ئېلىپ ھۈجەيرىسىدىكى خروموزومىدىكى گېن ئارقىلىق تەكشۈرگەندە، ھامىلىنىڭ خروموزاماسىدا نورمالسىزلىق بار - يوقلۇقىنى ۋە ياكى ئىرسىي كېسەلنىڭ بار - يوقلۇقىنى بىلگىلى بولىدۇ. بىر قىسىم جىنسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىرسىي كېسەللىكلەرگە قارىتا پايدىلىنىش بىلەن تەمىنلەيدۇ، بىراق بىر قىسىم ئاتا - ئانىلارنىڭ پەقەت مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق قىز ياكى ئوغۇل ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشقا قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ.