UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالا ئېمىتكەندە ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىپ،تاماقنى تەڭشەش كېرەكمۇ؟

بالا ئېمىتكەندە ئوزۇقلۇققا دىققەت قىلىپ،تاماقنى تەڭشەش كېرەكمۇ؟

نېمە ئۈچۈن تۇنجى قېتىم ئانا بولغان ھېسسىيات كىشىنى تەسىرلەندۈرىدۇ، يەنى بىرىنچى قېتىم ئانا بولغاندا بىر ئاز جىددىيلىشىپ، ئىشتىھاغا ئاز - تولا تەسىرى بولىدۇ. ئوزۇقلۇقنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ تەلىپى ناھايىتى مۇھىم، يەنى ئانا سۈتى ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك. تاماق قېتىم سانى ئادەتتىكىدىن كۆپ، ئوزۇقلۇق مىقدارىمۇ ئادەتتىكىدىن كۆپ بولۇشى، يېمەكلىكلەرنىڭ تۈرىمۇ كۆپ خىل بولۇپ، ئېھتىياجلىق بولغان بارلىق ئوزۇقلۇق ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلدىكىگە ئوخشاش بولۇشى كېرەك. بىراق ئېنېرگىيە، يود، ۋىتامىن A، ۋىتامىن B1، ۋىتامىن B2، ۋىتامىن C غا بولغان ئېھتىياج يەنىلا ھامىلىدارلىقنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. شۇڭا، كۈندىلىك تاماقنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، ھەر كۈنى بىر قاچا شورپا، سۈتنى كۆپ ئىچىش، ھەر قېتىملىق تاماقتا شورپا، ئۇماچ بولۇشى كېرەك. كالا سۈتى، پۇرچاق سۈتى قاتارلىقلارنى كۆپرەك ئىچكەندە، ئاقسىل ۋە كالتسىينى تولۇقلايدۇ. مۇھىم يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق يەپ، ئېنېرگىيىنىڭ تولۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىر قىسىم ھايۋانات گۆشلىرىنى يېيىش. نىسبەتەن كۆپ بولغان ۋىتامىن ۋە مىنېرال ماددىلارنى تولۇقلاش ئۈچۈن سەي - كۆكتات، مېۋە - چېۋىلەرنى كۆپ يېيىش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە