UyghurWiki
UyghurWikiنەمەھاشاراتلارنىڭ ئاغزى قانچە خىل بولىدۇ؟

ھاشاراتلارنىڭ ئاغزى قانچە خىل بولىدۇ؟

نېمە ئۈچۈن يەر شارىدا تەخمىنەن 1 مىليون خىل ھاشارات بار. ئەمما ئۇلارنىڭ ئاغزى بىر قانچە تۈرگىلا بۆلۈنىدۇ. ھەسەل ھەرىسىنىڭ ئېغىزىنىڭ رولى ناھايىتى كۆپ، ھەسەل ھەرىسى ئۆزى ياقتۇرۇپ يەيدىغان گۈل چېڭىنى چايناپ يۇمشىتالايدۇ ھەم ئاغزىنى گۈللەرنىڭ ئارىسىغا كىرگۈزۈپ گۈل شىدنىسىنى سۈمۈرەلەيدۇ، شۇڭا كىشىلەر بۇ خىل ئېغىزنى چايناش - سۈمۈرۈش تىپىدىكى ئېغىز دەپ ئاتىشىدۇ. چىۋىننىڭ ئاغزى يالاش - سۈمۈرۈش تىپىدىكى ئېغىز، چىۋىن شورپىلارنى كۆرۈپ قالسا، ئاغزى بىلەن بىۋاستە سۈمۈرىدۇ، قەنت - گېزەك ياكى پىچىنە - پىرەنىك قاتارلىق يېمەكىلكلەرگە يولۇقۇپ قالسا، يالايدۇ ياكى شۆلگىيى ئارقىلىق يېمەكلىكنى ئېرىتىپ سۈمۈرۈپ يەيدۇ. پاشىنىڭ ئاغزى تىپىك سانجىپ سۈمۈرۈش تىپىدىكى ئېغىز بولۇپ، ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان ئالتە تال ئىنچىكە ئەزادىن تەشكىل تاپقان، بۇ ئەزالارنىڭ بەزىلىرى قاتتىق، بەزىلىرى يۇمشاق بولىدۇ، پاشا قاتتىق ئەزاسىنى تېرىگە سانجىپ قاننى سۈمۈرىدۇ، يۇمشىقى بولسا يېمەكلىك يۇتۇش نەيچىسى ۋە شۆلگەي چىقىرىش نەيچىسىلىك رولىنى ئوينايدۇ. كېپىنەك بىلەن پەرۋانىنىڭ ئاغزى ئىنچىكە ھەم ئۇزۇن نەيچە ھالىتىدە بولىدۇ. ئادەتتە سائەتنىڭ پۇرژىنىسىدەك يۆگىلىپ تۈرىدۇ، ئۇلار گۈللەرنىڭ ئۈستىگە ئۇچۇپ كەلگەندە، نەيچىسىنى ئۇزۇن چىقىرىپ گۈللەرنىڭ شىرنىلىرىنى سۈمۈرۋالالايدۇ، مانا بۇ نەيچىسىمان سۈمۈرۈش تىپىدىكى ئېغىزدۇر. چېكەتكىنىڭ ئاغزى ئالىي دەرىجىلىك ھايۋانلارنىڭ ئاغزىغا ئوخشىشىپ قالىدۇ، ئۇنىڭدا ھەرە چىشلىق ئىككى تاڭلاي بار، بۇ زىرائەتلەرنى چىشلەپ غاجىلاشقا تولىمۇ ماس كېلىدۇ. چوڭ تاڭلىيىنىڭ ئاستىدا يەنە بىر نەچچە تال ساقىلى بار، چېكەتكە بۇ ساقىلى ئارقىلىق نەرسىلەرنى سېزىدۇ. بۇ خىل ئېغىز چىشلەپ چايناش تىپىدىكى ئېغىزدۇر.
← بارلىق تېمىلار نەمە