UyghurWiki
UyghurWikiنەمەبالىلار قانداق قىلغاندا ئورنىغا سىيىپ قويمايدۇ؟

بالىلار قانداق قىلغاندا ئورنىغا سىيىپ قويمايدۇ؟

نېمە ئۈچۈن بەزى بالىلار ئىككى - ئۈچ ياشقا كىرگەندىمۇ سىيىپ قويىدۇ، ئاتا - ئانىلار بۇنىڭدىن خاتىرجەمسىزلىنىپ، بالىلىرىنى بىرەر كېسەلگە گىرىپتار بولغانمىدۇ دەپ ئەنسىرىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئىككى - ئۈچ ياشقا كىرگەندە بالىلار ئارىسىدا ئاندا - ساندا ياكى دائىم ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان بالىلار خېلى كۆپ. شۇڭا، ئاتا - ئانىلار بۇنىڭدىن بەك ئەنسىرەپ كەتمەسلىكى كېرەك. بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، بۇ ۋاقىتتا بالىلارنىڭ سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسى مەسىلەن: دوۋساق، سۈيدۈك يولى قاتارلىقلاردىكى مۇسكۇللار تېخى تولۇق يېتىلمىگەچكە، ئۇيقۇلۇقتا ئۆزىنىڭ سۈيدۈكىنى پۈتۈنلەي كونترول قىلالمايدۇ. يەنە بىر قىسىم بالىلار جىددىيلىشىپ، ئارتۇقچە غەم يەپ كەتسىمۇ ئورنىغا سىيىپ قويىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئەگەر بالىلارنىڭ كۈندۈزدىكى پائالىيەت قېتىم سانى كۆپ بولسا، ناھايىتى قاتتىق ئۇخلىسىمۇ، ئورنىغا سىيىپ قويىدىغان ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. بۇ ۋاقىتتا، ئاتا - ئانىلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى بولسا، بالىلارنى ئەيىبلىمەي،ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن بالىلارنىڭ ئورنىغا سىيىپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ۋە سىيىپ قويۇش پۇرسىتىنى ئازايتىش كېرەك. ئالدى بىلەن، ئۇيقۇدىن بۇرۇنقى بىر سائەت ئىچىدە بالىلارغا كۆپ سۇ ۋە يېمەكلىكلەرنى بەرمەسلىك ھەم ئۇخلاشتىن بۇرۇن چوقۇم بالىنى بىر قېتىم سىيدۈرۈش. ئەڭ مۇھىم بولغىنى شۇكى، بۇ ئىش سەۋەبلىك بالىنى تىللىماسلىق، ئەيىبلىمەسلىك ۋە مازاق قىلماسلىق،كىشىلەر ئالدىدا بۇ ئىشنى تىلغا ئالماسلىق، بالىلاردا جىددىيلىشىش ۋە خىجىل بولۇش پسىخىكىسى پەيدا بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. بولمىسا، ئورنىغا سىيىپ قويۇش ھادىسىلىرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، بالىلاردا تۇيۇقسىز پات - پات سىيىش، سىيگەندە قاتتىق ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلسە دەرھال ۋاقتىدا داۋالاش كېرەك.
← بارلىق تېمىلار نەمە