يازدا پاشا چېقىشنىڭ قانداق ئالدى ئېلىنىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
ياز پەسلىدە، كىچىككىنە بىر پاشا كىشىلەرگە نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بوۋاقلىق مەزگىلدە ئۇلارنىڭ تېرىسى ئىنتايىن يۇمران بولۇپ، پاشا چېقىۋالغان ھامان يىغلاپ توختىمايدۇ، ياخشى ئۇخلىيالمايدۇ ھەتتا تېرىدە يۇقۇملىنىش، بەزگەك كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىش، B تىپلىق مېڭە ياللۇغى قاتارلىق كېسەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شۇڭا پاشىدىن ساقلىنىش بوۋاقنىڭ ياز پەسلىدىكى ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى بىر چوڭ ۋەزىپە. ھازىر بازاردا نۇرغۇن پاشا يوقىتىش بۇيۇملىرى بار. مەسىلەن: پاشىلىق، ئىسرىق (پاشىغا قارشى)، پاشا ھەيدەش سۇيۇقلۇقى، تۇمانلاشتۇرغۇچى دورا قاتارلىقلار. بۇنداق كۆپ مەھسۇلاتلار ئىچىدە، يەنىلا ئالدى بىلەن پاشىلىقنى تاللاش كېرەك. چۈنكى ئۇ بوۋاققا نىسبەتەن ئەڭ بىخەتەر، باشقا مەھسۇلاتلار بولسا بوۋاقلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئازدۇر - كۆپتۇر تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ. تۇمانلاشتۇرغۇچى دورا، ئىسرىق، توكلۇق ئىسرىقمۇ بار، ئەمما چېچىش ياكى ياندۇرغاندىن كېيىن ئىس ياكى غىدىقلىغۇچى پۇراق بوۋاقنىڭ كۆزى ۋە نەپەسلىنىش يولىدا غىدىقلاش رولىنى ئوينايدۇ، پاشا ھەيدەش سۇيۇقلۇقى بوۋاقنىڭ تېرىسىنى ئازدۇر - كۆپتۇر غىدىقلايدۇ. پاشىلىق ئىشلىتىش بىلەن بىللە پاشىلىقنىڭ ئاغزى ياخشى ئېتىلگەن - ئېتىلمىگەنلىكىگە دىققەت قىلىش، توردىن چۈشۈپ قالغان پاشا بولۇپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.