يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىشىنىڭ قانۇنىيىتى نېمە؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بەدەن ئېغىرلىقى ئارتىشىنىڭ قانۇنىيىتى:
1. بوۋاق تۇغۇلۇپ بىرىنچى ھەپتىسى بەدەن ئېغىرلىقىدا قەرەللىك تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ. تۆۋەنلەش دەرىجىسى 3.9% كە يېتىدۇ، ئاندىن تېز سۈرئەتتە ئەسلىگە قايتىدۇ ھەمدە ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە ئارتىش مەزگىلىگە كىرىدۇ.
2. يېشى قانچە كىچىك بولسا، ئېغىرلىق ئارتىشى شۇنچە تېز بولىدۇ. تۇغۇلغاندىن كېيىن ئالدىنقى ئالتە ئاي بوۋاقلار ئېغىرلىق ئارتىشىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى. تۇغۇلغاندىن كېيىن ئالدىنقى ئۈچ ئايدا بەدەن ئېغىرلىقى ئېيىغا 700 ~ 900 گرام ئارتىدۇ، يۇقىرى بولغاندا ھەتتا ئېيىغا بىر كىلوگرام ئارتىدۇ. تۇغۇلۇپ تۆت ئايدىن ئالتە ئايغىچە ئېيىغا ئېغىرلىقى 600 ~ 800 گرام ئارتىدۇ.
3. تۇغۇلۇپ 6 ~ 12 ئايدا ئېغىرلىق ئارتىش سۈرئىتى ئاستىلاپ، ئېيىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 ~ 400 گرام ئارتىدۇ.
4. ئادەتتىكى ئەھۋالدا، بوۋاق تۇغۇلۇپ 3~5 ئايلىق ۋاقتىدا ئېغىرلىقى تۇغۇلغان ۋاقتىدىكىنىڭ ئىككى ھەسسىگە يېتىدۇ (تەخمىنەن ئالتە كىلوگرام)، بىر يېشىدا تۇغۇلغان ۋاقتىدىكى ئېغىرلىقنىڭ ئۈچ ھەسسىسى (تەخمىنەن توققۇز كىلوگرام) گە، ئىككى يېشىدا تۇغۇلغان ۋاقتىدىكىنىڭ تۆت ھەسسىسى (تەخمىنەن 21 كىلوگرام) گە يېتىدۇ.