UyghurWiki›نەمە›يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسىدە نېمە ئۈچۈنئاسانلا يىرىڭلىق قاپارتقۇ پەيدابولۇپ قالىدۇ؟
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسىدە نېمە ئۈچۈنئاسانلا يىرىڭلىق قاپارتقۇ پەيدابولۇپ قالىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى نېپىز ھەم يۇمشاق، ئاسانلا زەخىملىنىدۇ ھەم يۇقۇملىنىدۇ. شۇڭا كىيىم، يۆگەك، زاكىلار پاكىز، يۇمشاق، ئازادە بولۇشى، كىيىم - كېچەكلەرنى ۋاقتى - ۋاقتىدا يۇيۇپ ئالماشتۇرۇپ تۇرۇش، بوۋاققا يېقىنلىشىشتىن ئىلگىرى قولنى پاكىز يۇيۇش كېرەك. بولمىسا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تېرىسى ئاسانلا يۇقۇملىنىپ كىچىك يىرىڭلىق قاپارتقۇ پەيدا بولۇپ قالىدۇ. بۇ يىرىڭلىق قاپارتقۇ يارىسى دېيىلىدۇ. يىرىڭلىق قاپارتقۇ كۆپىنچىسى قورساق، يىرىق، قولتۇق ئاستى، بويۇن، قۇلاق كەينى، چاچنىڭ ئارىسى قاتارلىق جايلاردا كۆپرەك ئۇچرايدۇ. يىرىڭلىق قاپارتقۇ ماش ياكى سېرىق پۇرچاق چوڭلۇقىچىلىك بولۇپ، سارغۇچ ئاق رەڭلىك، قاپارتقۇ دىۋارى نېپىز، ئىچىدە سېرىق رەڭلىك دۇغسىمان سۇيۇقلۇق بولۇپ، شىلىمشىق ئەمەس، قاپارتقۇلۇق ئەسۋە ئەتراپىدىكى تېرە قىزارمايدۇ (قان تولمايدۇ)، قاپارتقۇلۇق ئەسۋە ئېغىز ئالغاندىن كېيىن تېگىدىكى تېرە قىزىل رەڭدە بولۇپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا بىئاراملىق بولمايدۇ. ساقايغاندىن كېيىن تاتۇق قالمايدۇ ھەم پىگمېنت ئولتۇرۇشۇۋالمايدۇ. ھەر كۈنى يۇيۇپ كىيىم ئالماشتۇرغاندا، پۈتۈن بەدىنىنى تەكشۈرۈشكە دىققەت قىلىش، ۋاقتىدا بايقاپ مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش، سېپتىتسېمىيە قاتارلىق پۈتۈن بەدەنلىك يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.