بالىنى ئۇخلىتىدىغان ۋاقىتتا ئېمىتىش كېرەكمۇ - يوق؟
نېمە ئۈچۈن
بالىنى تېزراق ئۇخلىتىش ھەم ياخشى ئۇخلىتىش ئۈچۈن، بەزى ئانىلار بالىنى بىر تەرەپتىن ئېمىتكەچ، بىر تەرەپتىن ئۇخلىتىدۇ، بۇ بىر خاتا ئۇسۇل بولۇپ، بالىنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر قىلىدۇ. ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا چىققان ئاجراتمىلارنىڭ ئىقتىدارى ئازلاپ كېتىدۇ. بۇنىڭ ئۈستىگە ئانا سۈتى ئۇزۇن ۋاقىت ئېغىز بوشلۇقىدا تۇرسا، بالىنىڭ چىشىنىڭ قۇرۇلمىسىغا تەسىر قىلىپ، سۈت چىشىنىڭ چىرىپ كېتىشىنى پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى بالىنى ئېمىتىپ بولغاندىن كېيىن بالىغا ئازراق قايناق سۇ بېرىپ، بالىنىڭ ئېغىز بوشلۇقىنى پاكىز تازىلاش كېرەك. بالا ئۇخلىغان ۋاقىتتا دائىم ئاڭلىق ياكى غۇۋا ھالدا يۇتۇش ھەرىكىتىگە قارىتا قانائەتلەنمەسلىك تۇيغۇسىنى پەيدا قىلىدۇ. كېكىردەكتىكى مۇسكۇللارنىڭ ئېلاستىكلىقى يېتەرلىك بولماي، نەرسىنى تولۇق يۇتالماي، نەپەس يولى ئېغىزى توسۇلۇپ قېلىپ، سۈتنىڭ نەپەس يولىغا كىرىپ كېتىشىنى، ھەتتا يۆتكىلىپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ شۇنداقلا بالا ئۇخلاۋاتقان ۋاقىتتا ئېمىتسە، بالا ئويغانغاندا تېخى تويمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بالىنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ قالىدۇ. بىز ئىنسانلارنىڭ مەلۇم نەرسىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. يەنى قورسىقى ئاچقاندا تاماق يېيىش، توڭلىغاندا كىيىم كىيىش قاتارلىق پسىخىكىلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئاستا - ئاستا تەرەققىي قىلىپ ماڭىدۇ. ئەگەر ئۇزۇن مۇددەت بالىنى ئۇخلىتىپ ئېمىتكەندە، بالىدا پاسسىپ روھىي كەيپىيات شەكىللىنىدۇ ھەتتا يېمەك - ئىچمەككە بولغان ئىنتىلىشنى يېتىلدۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىسىز.