نېمە ئۈچۈن ئاق توشقاننىڭ كۆزى قىزىل بولىدۇ؟
نېمە ئۈچۈن
توشقان ھەممىمىزگە تونۇشلۇق بولغان ئوتخور ھايۋان. ئۇنىڭ ئۇزۇن بىر جۈپ قۇلىقى، سەل دىڭگايغان كالتە قۇيرۇقى بار. ئۇ سەكرەپ ئويناقشىپ مېڭىشنى ياخشى كۆرىدۇ، چۈنكى ئۇنىڭ ئالدى پۇتى قىسقا، كەينى پۇتى ئۇزۇن بولغاچقا، يۈگۈرگەندە تەرەققىي قىلغان كۈچلۈك ئارقا پۇتى بىلەن يەرنى تېپىپ بەدىنىنى ئالدىغا سىلجىتىپ ئىلگىرىلەيدۇ.
بىز ئادەتتە تۇرغان توشقانلار ياۋا توشقانلاردىن كۆندۈرۈلگەن ئۆي توشقانلىرى بولۇپ، ھازىر نۇرغۇن نەسىللىرى بار. ئەگەر سىز دىققەت بىلەن كۆزەتسىڭىز، ئۆي توشقىنىنىڭ كۆزىنىڭ رەڭگى بەدىنىدىكى مويىنىڭ رەڭگى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. مەسىلەن، كۈل رەڭ توشقاننىڭ كۆزى كۈل رەڭ، قارا توشقاننىڭ كۆزى قارا بولىدۇ. پەقەت ئاق توشقاننىڭ كۆزىلا قىزىل بولىدۇ. نېمە ئۈچۈن بۇنداق بولىدۇ؟ توشقانلارنىڭ بەدىنىدىكى پىگمېنتلار خىلمۇخىل بولغاچقا، كۆزلىرىنىڭ رەڭگىمۇ خىلمۇخىل بولىدۇ ھەم بۇ رەڭ پىگمېنتلىرى توشقان مويىنىڭ رەڭگىنىمۇ بەلگىلىگەن.
ئۇنداقتا، ئاق توشقاننىڭ كۆزىنىڭ قىزىل بولۇشى ئۇنىڭ بەدىنىدە قىزىل رەڭ پىگمېنتى بولغانلىقىدىنمۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. ئاق توشقان بەدىنىدە پىگمېنت يوق توشقان نەسلىگە كىرگەچكە، مويى ئاق بولغاندىن باشقا، كۆزىمۇ رەڭسىز سۈزۈك بولىدۇ، بىز كۆرۈۋاتقان قىزىل رەڭ كۆزىدىكى ھەقىقىي رەڭ بولماستىن، بەلكى كۆزىدىكى قاننىڭ كۆرۈنۈپ تۇرغان قىزىل رەڭگىدۇر.